مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىپ يۆلەشنى تەكىتلىدى

خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.01.03 14:50 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى 29-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كەڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نېسى قالغان ئىش ھەققىنى قانۇن بويىچە تۈزەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نېسى قالغان ئىش ھەققى مەسىلىسىنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى بايرام يېقىنلىشىپ قالغان مەزگىلدە، ئىش ھەققىنى راسچوت قىلىش يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ جاپا تارتىپ تاپقان پۇللىرىنى ئېلىپ چاغان ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى ئىنتايىن تەخىرسىز.
شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش لازىم. ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى مەركەزلىك تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان ساھەلەرنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىش ھەققىنى قەستەن نېسى قالدۇرۇش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، ئىش ھەققى كاپالەت پۇلى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىپ يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشسىز دېھقان ئىشلەمچىلەر، قىيىنچىلىقى بار دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ۋاقتىدا ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى، قىيىنچىلىقى بارلارغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك!
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك.
خۇ چۈنخۇا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى بىر قەدەر زور دەرىجىدە قايتا باش كۆتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى تولۇق تونۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۆلەش ئىقتىدارى بار ئورۇنلارنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نېسى قالغان ئىش ھەققىنى تېزدىن ئېنىقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ساھە، كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك. تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار زاپاس مەبلەغنى ۋاقتىدا ئىشلىتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ ئىشلەمچىلىك كىرىمىنى ۋاقتىدا تولۇق ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىش ھەققىنى قەستەن نېسى قالدۇرۇشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاپ، ئالاقىدار يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. «بىر تاختا شاھمات» قارىشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىچ ماسلىشىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەشتە كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.




مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ