مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 131-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزدى

2023.01.03 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  ئالاقىدار لايىھە ۋە تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى
13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 131-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 2022–يىلى 12–ئاينىڭ 29– كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي بەرگەن قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، زاپاس خادىملار قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، تاشقى سودا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى ئىزاھاتىنىڭ تەكلىپ نۇسخىسىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار تەكلىپلەرنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى، لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسى، قارار لايىھەسى، چۈشەندۈرۈش لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى.


  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جاڭ يېسۈي بەرگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرمىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»، «<ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئورگانىك بۇلغىمىلار توغرىسىدىكى ستوكھولم ئەھدىنامىسى> گە پولىخلورونافتالىن قاتارلىق ئۈچ خىل ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئورگانىك بۇلغىمىلارنى كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تۈزىتىلەن نۇسخىسى» ۋە «<ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئورگانىك بۇلغىمىلار توغرىسىدىكى ستوكھولم ئەھدىنامىسى>گە قىسقا زەنجىرلىك خلورلاشقان پاراففىن قاتارلىق ئۈچ خىل ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئورگانىك بۇلغىمىلارنى كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى»گە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، شەرتنامىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسىغا قاراپ چىقىلدى.


  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ بەرگەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇن كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلام كومىتېتى نامزاتلىرى ۋە تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، يېڭىدىن كۆپەيگەن كادىرلارنى تەيىنلەش- قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار قارار لايىھەلىرى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى.


  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يۇقىرىقى تەكلىپلەرنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى، لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، قارار لايىھەسى، چۈشەندۈرۈش لايىھەسى قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.


  يىغىندا ياڭ جېنۋۇ بەرگەن تەيۋەن ئۆلكىسىدىن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى كېڭىشىپ سايلاش يىغىنى چاقىرغۇچىلىرىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، جېڭ جيەنمىننى كېڭىشىپ سايلاش يىغىنى چاقىرىشقا مەسئۇل قىلىپ بېكىتىش قارار قىلىندى.


  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، شېن يۆيۆ، ئەركىن ئىمىرباقى، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇالار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ