دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2023-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى

2023.01.01 00:24 مەنبە: خەلق تورى

  يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق، 2023-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق، 2023-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى. سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! 2023-يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەن بېيجىڭدا كۆپچىلىككە يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن.

  2022-يىلى، بىز پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر بۇرغىسىنى ياڭراتتۇق.

  ئېلىمىز دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىقتىسادنى مۇقىم راۋاجلاندۇردى، پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 120 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن. يەر شارى ئاشلىق كىرىزىسى ئالدىدا، ئېلىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «ئۇدا 19 يىل مول ھوسۇل ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگولۇقلار تاماق قاچىسىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتتى. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، باجنى ئازايتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدۇق.

  يۇقۇم پەيدا بولغاندىن بۇيان، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ئىلمىي، دەل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پەيت ۋە ئەھۋالغا قاراپ سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدۇق. كادىرلار ۋە ئامما، بولۇپمۇ تېببىي خادىملار، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرى جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇرۇپ كەلدى. جاپاغا چىداپ ئاجايىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، بىز مىسلىسىز قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇق، ھەممىمىزگە ئاسان توختىمىدى. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا كىردى، يەنىلا بەك كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ، كۆپچىلىك قەتئىي تەۋرەنمەي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، غەلىبە ئالدىمىزدا. كۆپچىلىك تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىشى كېرەك، چىڭ تۇرۇش ___ غەلىبە، ئىتتىپاقلىق ___ غەلىبە.

  2022-يىلى، يولداش جياڭ زېمىن بىزدىن ئايرىلدى. بىز ئۇنىڭ ئۆچمەس، ئۇلۇغ نەتىجىسى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقنى قەدىرلەيمىز. بىز ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىمىز.

  تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىشىلەر داۋاملىق كۈرەش قىلىپ بۈگۈنكى جۇڭگونى بەرپا قىلدى.

  بۈگۈنكى جۇڭگو ئارزۇ كەينى-كەينىدىن ئىشقا ئاشقان جۇڭگو. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، قار-مۇز ئەزىمەتلىرى مۇسابىقە مەيدانلىرىدا قالتىس مۇسابىقىلىشىپ، كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شېنجۇ 13-نومۇر، 14-نومۇر، 15-نومۇر كەينى-كەينىدىن پەرۋاز قىلدى. جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلدى، بىزنىڭ «بوشلۇقتىكى ئائىلىمىز» كۆكتە سەيلە قىلماقتا. خەلق ئارمىيەسى 95 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىش مۇساپىسىدە مەردانىلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. «فۇجيەن» ناملىق 3-ئاۋىياماتكىمىز سۇغا چۈشۈرۈلدى، C919 تىپلىق تۇنجى چوڭ ئايروپىلانىمىز ئىشلىتىشكە رەسمىي تاپشۇرۇلدى، بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى... بۇنىڭغا سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىرى ۋە قان-تەرى سىڭگەن. ئۇچقۇنلار يىغىلىپ، مەشئەلگە ئايلاندى، مانا بۇ جۇڭگونىڭ كۈچى!

  بۈگۈنكى جۇڭگو ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو. ھەر قايسى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى جۇش ئۇرۇپ قەد كۆتۈردى، دېڭىز بويىدىكى رايونلار بەس-بەستە يېڭىلىق ياراتتى، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار تېز تەرەققىي قىلدى، شەرقىي شىمالنىڭ گۈللىنىشى تېزلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، چېگرا رايونلار گۈللىنىپ، خەلق بېيىدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك، ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىش ئاساسى يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىسەكلا، بېكىتىلگەن نىشانىمىزنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز. بۇ يىل مەن شياڭگاڭغا بېرىپ، شياڭگاڭنىڭ تۈزەشتىن گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرسەك شياڭگاڭ، ئاۋمېن جەزمەن ئۇزاققىچە گۈللىنىدۇ ھەم مۇقىم بولىدۇ.

  بۈگۈنكى جۇڭگو مىللىي روھ داۋاملىشىۋاتقان جۇڭگو. بۇ بىر يىلدا يەر تەۋرەش، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق، تاغ ئوت ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە بەزى بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ، كۆڭلىمىزنى غەش قىلدى ۋە ئازابلىدى. لېكىن، ھەققانىيەت يولىدا جان پىدا قىلغان، ئۆزئارا ياردەم بەرگەن مەنزىرىلەر بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى قەلبىمىزدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ. ھەر قېتىم كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغاندا، جۇڭخۇا مىللىتى 1000 يىل ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ئۇلۇغۋار روھنى ھامان ياد ئېتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمىز.

  بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا بىلەن قويۇق ئالاقە باغلىغان جۇڭگو. بۇ بىر يىلدا، مەن بېيجىڭدا نۇرغۇن كونا-يېڭى دوستلارنى كۈتۈۋالدىم شۇنداقلا دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، جۇڭگو تەشەببۇسىنى بايان قىلدىم. 100 يىللىق ئۆزگىرىش تېزلەشمەكتە، دۇنيا ئانچە تىنچ ئەمەس. بىز باشتىن-ئاخىر تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى قەدىرلەپ، دوستلىرىمىز ۋە ھەمراھلىرىمىزنى باشتىن-ئاخىر قەدىرلەپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىش تەرىپىدە قەتئىي تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىمىز.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، خىزمەتداشلىرىم بىلەن يەنئەنگە بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنئەندىكى مەزگىلىدە مىسلىسىز قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كەلگەن شانلىق يىللارنى قايتا ئەسلەپ، پېشقەدەم كوممۇنىستلارنىڭ روھىي قۇۋۋىتىنى ھېس قىلدۇق. مەن دائىم جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ تاۋلانغاندىلا، ئاندىن ياراملىق ئادەملەردىن بولغىلى بولىدۇ، دەيمەن. جۇڭگو كومپارتىيەسى 100 يىللىق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى، بۇ مۇساپە ھەم جاپالىق ھەم ئۇلۇغ. بىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئەتىكى جۇڭگونى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشىمىز كېرەك.

  ئەتىكى جۇڭگودا، كۈرەش ئارقىلىق مۆجىزىلەر يارىتىلىدۇ. سۇ شىنىڭ «گەر قىلساڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم، يەتكەيسەن ئەڭ يىراق مەنزىلگە چوقۇم» دېگەن سۆزى بار، بۇ — «ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەڭ ئۇلۇغ نىشانغا ئىنتىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يول يىراق بولسىمۇ، ماڭساقلا يېتىپ بارالايمىز؛ ئىش قىيىن بولسىمۇ، تىرىشساقلا جەزمەن ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز. يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك جاسارەت، تامغان تامچە سۇنىڭ تاشنى تېشىدىغان قەيسەرلىك بىلەن پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، ئۇلۇغۋار نىشاننى چوقۇم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

  ئەتىكى جۇڭگودا كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسى ئىتتىپاقلىق. جۇڭگو بەك چوڭ، ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ تەلىپىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئوخشاش بىر ئىشقا بولغان كۆز قاراشمۇ ئوخشىمايدۇ، بۇ ناھايىتى نورمال ئىش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇق بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلسىلا، ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان ئىش بولمايدۇ، ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل قالمايدۇ. تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئوخشاش نىشانغا قاراپ مېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بەخت-سائادىتىنى بىرلىكتە يارىتىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەتىكى جۇڭگونىڭ ئۈمىدى ياشلاردا. ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ياشلارنىڭ كۆكرەك كېرىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىغا تايىنىش كېرەك. ياشلىق جاسارەتكە تولغان، ياشلىق باھارى ئۈمىدنى قاناتلاندۇرىدۇ. ياشلار ئائىلە، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈپ، كۈرەشچان قىياپىتى بىلەن ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇپ، دەۋر ۋە ياشلىقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

  مۇشۇ پەيتتە، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا جاپالىق، ئالدىراش ئىشلىمەكتە، سىلەر جاپا چەكتىڭلار! يېڭى يىلنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بىز كەلگۈسىگە بولغان گۈزەل ئىستىكىمىز بىلەن 2023-يىلىنىڭ تۇنجى قۇياش نۇرىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالايلى.

  ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، دۆلەتنىڭ ئاسايىشلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن! دۇنيانىڭ تىنچ، گۈزەل بولۇشى، بەختلىك، ئامان-ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن! كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلنى خۇشال-خورام ئۆتكۈزۈشىگە، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

  رەھمەت!






  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ