شى جىنپىڭ بېنىن زۇڭتۇڭى تالون بىلەن جۇڭگو - بېنىن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2023.01.01 00:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
12 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېنىن زۇڭتۇڭى تالون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن يېرىم ئەسىردىن بۇيان، جۇڭگو ـ بېنىن ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر سەمىمىي، دوستانە ئۆتۈپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە قەتئىي بىر ـ بىرىنى قوللىدى. ھازىر جۇڭگو ـ بېنىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو ـ بېنىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ تالون بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ بېنىن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
تالون مۇنداق بىلدۈردى: مەن ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن 50 يىلدىن بۇيانقى قالتىس نەتىجىلىك ھەمكارلىقىدىن رازى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان بېنىن ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايمەن. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بېنىن ـ جۇڭگو ھەمكارلىقى مۇستەھكەم، يىمىرىلمەس بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ