مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جۇڭگو شەرق سەنئەت گۇرۇھىدىكى سەنئەتكارلارنى ئىلھاملاندۇردى

خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلايلى

2022.12.27 00:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جاۋاب خەت

  جۇڭگو شەرق سەنئەت گۇرۇھىدىكى سەنئەتكارلار:

  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. بۇ يىل دەل جۇڭگو شەرق سەنئەت گۇرۇھىنىڭ ئاساسى بولغان مەركىزىي ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شەرق ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، مەن سىلەرنى ھەم بارلىق ئارتىس، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، سىلەر پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسىگە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تۆھپە قوشۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ مۇھىم «مەدەنىيەت ئەلچىسى»، يارقىن «مەدەنىيەت نام كارتىسى»غا ئايلاندىڭلار. ئەۋلادمۇئەۋلاد سەنئەتكارلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋرنى كۈيلەپ، خەلققە نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدىڭلار.

  سىلەرنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، سەنئەت قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2022 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى




  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى جۇڭگو شەرق سەنئەت گۇرۇھىدىكى سەنئەتكارلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: بۇ يىل دەل جۇڭگو شەرق سەنئەت گۇرۇھىنىڭ ئاساسى بولغان مەركىزىي ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شەرق ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، مەن سىلەرنى ھەم بارلىق ئارتىس، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، سىلەر پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسىگە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تۆھپە قوشۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ مۇھىم «مەدەنىيەت ئەلچىسى»، يارقىن «مەدەنىيەت نام كارتىسى»غا ئايلاندىڭلار. ئەۋلادمۇئەۋلاد سەنئەتكارلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋرنى كۈيلەپ، خەلققە نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدىڭلار.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىلەرنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، سەنئەت قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو شەرق سەنئەت گۇرۇھى ئاساسلىقى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 1952 ـ يىلى 12 ـ ئايدا قۇرۇلغان مەركىزىي ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە 1962 ـ يىلى 1 ـ ئايدا قۇرۇلغان شەرق ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆمەك ئاساسىدا قۇرۇلغان. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بۇ گۇرۇھ «دۆلەتنىڭ رېڭى» ناملىق ئۇسسۇللۇق شېئىرىي رەسىم، «جۇڭگو ھېكايىسى . 12 مۈچەل» ناملىق ئۇسسۇللۇق مۇزىكا، «بۇ ياپيېشىل تاغ ـ دەريالار − ئۇسسۇللۇق سىزما <بىپايان دۆلەت زېمىنى خەرىتىسى>» ناملىق ئۇسسۇللۇق شېئىرىي دىراما، «جۇلا» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىر قاتارلىق بىر تۈركۈم ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاغا ئېرىشكەن ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئورۇنلىدى. يېقىندا، جۇڭگو شەرق سەنئەت گۇرۇھىدىكى ئون سەنئەتكار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھاسىلاتلىرىنى دوكلات قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، سەنئەت ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ