مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردە جۇڭگو ئاساسىي قانۇن ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى

− ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش

2022.12.20 23:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ


بۇ يىل دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈردى. بىز ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

ئاساسىي قانۇننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشىدىكى مۇھىم تىرەك. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان يول ئۈستىدە جاپالىق ئىزدەندى. بەزى سىياسىي كۈچلەر غەربنىڭ سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسى بويىچە دۆلىتىمىزنىڭ فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ھەممىسى مەغلۇپ بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگونىڭ تارىخىي سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىن، جاپالىق ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭخۇا زېمىنىدا روشەن سوتسىيالىزم خاراكتېرىگە ئىگە ئاساسىي قانۇن، ھەقىقىي مەنىدىكى خەلق ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقتى ۋە يولغا قويدى، بۇ، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ھەتتا دۇنيانىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى تارىخىدا ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ تۈزگەن ئاساسىي قانۇنغا خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى مەركەزلەشكەن، ئۇنىڭدا ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، بارلىق كونا ئاساسىي قانۇندىكى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان نۇقسانلار تۈگىتىلگەن بولغاچقا، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ۋە ئىجرا قىلىنغان، روشەن ئەۋزەللىككە، پۇختا ئاساسقا، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە.

1982 ـ يىلى دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ بەش قېتىم بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ ئايرىم ماددىلىرى ۋە قىسمەن مەزمۇنىغا زۆرۈر، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ تۈزىتىشلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن قانۇنچىللىق ئورنىنى بېكىتىپ، قانۇنچىللىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بىز ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم، زور قارار چىقىرىپ، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى تەسىس قىلىپ، پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوللاش، قانۇنغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشتىن ئىبارەت تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق. پارتىيە رەھبەرلىكىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇنچىللاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئاساسىي قانۇن كاپالىتىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇردۇق. ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇنغا ئالاقىدار قانۇن ـ تۈزۈم ۋە مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلدۇق. ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش بويىچە تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىش ـ تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكى سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردۇق. دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى تەسىس قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ـ تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭى ۋە قانۇنچىللىق قارىشىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتۇق. ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتۇق.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش مۇساپىسىدە، پارتىيەمىز تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنى تەتبىقلاپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسى ۋە ئاساسىي قانۇن ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئالغا سىلجىتىپ، نۇرغۇن يېڭى تەجرىبىلەرنى توپلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

بىرىنچى، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى بېكىتتى، بۇ، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، يولغا قويۇلۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىقىپ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئىككىنچى، جەزمەن خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتىكى ئەڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ھوقۇق ئادىل بولۇش، پۇرسەت ئادىل بولۇش، قائىدە ئادىل بولۇشنى گەۋدىلەندۈرىدىغان قانۇن ـ تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال ـ مۈلۈك ھوقۇقى، كىشىلىك قەدىر ـ قىممەت ھوقۇقى ۋە ئاساسىي سىياسىي ھوقۇقىنىڭ دەخلى ـ تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش قاتارلىقلارغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچى، جەزمەن ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ تۈپ قانۇن ئاساسى. پەقەت ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىنى خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە، نىزامنامە بويىچە فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەندىلا، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى تۈزۈشى ۋە يولغا قويۇشىنى پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى قانۇن بويىچە، ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

تۆتىنچى، جەزمەن ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى ئىكەنلىكىدەك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇندا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىرادىسى ۋە ئورتاق ئارزۇسى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ، دۆلەت ئىرادىسىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىپادىلىنىش شەكلى، تۈپ خاراكتېرگە، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرىگە، تۇراقلىق خاراكتېرىگە، ئۇزاق مۇددەتلىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئاساسىي قانۇندا دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تۈزۈملىرى ۋە مۇھىم، زور ئىشلىرى بەلگىلەنگەن بولۇپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىدا ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىگە، پىرىنسىپ خاراكتېرىگە، پىروگرامما خاراكتېرىگە، يۆنىلىش خاراكتېرىگە ئىگە. ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ بارلىق قانۇن ـ نىزاملىرىنىڭ ئومۇمىي ئاساسى، باش مەنبەسى، ئەڭ يۈكسەك قانۇن ئورنىغا، قانۇن نوپۇزىغا، قانۇن كۈچىگە ئىگە. پەقەت ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ بەلگىلىمىسى، پىرىنسىپى، روھىنى قەتئىي قوغدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ بىرلىكى، قانۇن ـ تۈزۈمنىڭ بىرلىكى، سىياسەت ـ پەرمانلارنىڭ بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بەشىنچى، جەزمەن ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، نىزاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنى يولغا قويۇشتا، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىمۇ ئۇنى يولغا قويۇشتا. جەزمەن ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان تۈزۈم، نىزام سىستېمىسى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇكەممەل بولغان قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، پۇختا بولغان قانۇنچىللىق نازارەت سىستېمىسى، كۈچلۈك بولغان قانۇنچىللىق كاپالەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى قانۇنچىللىق يولىدا ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچى، جەزمەن ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىغانلىق − پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىغانلىق؛ ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىق − پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىق؛ ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق − خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغانلىق. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، ھەرقايسى پارتىيەلەر ۋە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ھەرقايسى كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى جەزمەن ئاساسىي قانۇننى تۈپ پائالىيەت مىزانى قىلىشى، ھەم ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

يەتتىنچى، جەزمەن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئاساسىي قانۇننى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇن ئۈستقۇرۇلما بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىشى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى ۋە راۋاجلىنىشى كېرەك. دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، نوپۇزىنى ساقلاش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، ئاساسىي قانۇننىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشى، يېڭى تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىشى، يېڭى نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، يېڭى قائىدىلەرنى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن ئاساسىي قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىغىلى بولىدۇ.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش تەكىتلەندى. بىز پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇن ئاڭلىقلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو ئاساسىي قانۇن ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنى پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىشتىكى تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنى تەرەققىياتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىياسىي تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورلۇقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىزىسى ۋە ئۇسۇلىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.

ئىككىنچى، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ قانۇن ئاساسى، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ يۈكسەك قانۇن ئۆلچىمى. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، جەزمەن ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنىڭ پۈتكۈل ئەمەلىيىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزىدۇ، پارتىيە ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلىشى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇش، پارتىيە تەشكىلاتى كۆرسەتكەن نامزاتلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىغا ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇش، دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە بولغان رەھبەرلىكىنى يولغا قويۇشقا ماھىر بولۇش، دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرى، مەمۇرىي ئورگانلىرى، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بويىچە مۇستەقىل مەسئۇل بولۇپ، بىردەك ماسلىشىپ قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، تەدبىر يۈرگۈزۈش پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا زىت كەلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، تەدبىر بەلگىلەش، تەدبىر يۈرگۈزۈشنىڭ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈكلىكى، سىستېمىلىقلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. قانۇننى قانۇن بويىچە چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇشتا، ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى قانۇننى ئاساسىي قانۇن بويىچە چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، ئاساسىي قانۇن روھىنى قانۇن چىقىرىشتا قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك قانۇن ـ نىزاملاردا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزاملارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قانۇنغا زىت كەلمەسلىكى، ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمە، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، ئاساسىي قانۇن روھىغا خىلاپ بارلىق قانۇن ـ نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرنى جەزمەن تۈزىتىش كېرەك.

قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى دېموكراتىك چىقىرىش، قانۇننى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇننى چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاش، تۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقى، ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى يادرولۇق ئورنى، فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرۇپ، ھەربىر قانۇن چىقىرىش ھالقىسىدا ئاساسىي قانۇن ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، تىرىشىپ ھەربىر تۈرلۈك قانۇن چىقىرىشتا ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇنلىشىش، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى نامايان قىلىش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قانۇن خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ قانۇن چىقىرىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھە، چەتكە چېتىشلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا زۆرۈر بولغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا جىددىي زۆرۈر بولغان قانۇن ـ تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن دائىرىسى سىرتىدا تەتبىقلىنىدىغان قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن، مەمۇرىي نىزام، ھەربىي ئىشلار نىزامى، رېۋىزىيە نىزامى، يەرلىك نىزام سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇكەممەل، بىرلىككە كەلگەن نوپۇزغا ئىگە قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق بىرلىكىنى قوغداش كېرەك.

تۆتىنچى، ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ۋە نازارەتچىلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا، جەزمەن ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش، ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش، ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسى، قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، قانۇنچىللىقنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى، قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسى ۋە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى بىۋاسىتە يولغا قويۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش بويىچە تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىش ـ تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش تەرتىپى ـ مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىلىرىگە پائال جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

بەشىنچى، ئاساسىي قانۇن نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ ئۇلى خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىدىن كەلگەن، ئاساسىي قانۇننىڭ ئۇلۇغ كۈچى خەلقنىڭ سەمىمىي ئېتىقادىدىن كەلگەن. جەزمەن تەشۋىقات، تەربىيە، تەتقىقاتنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇش، نەزەرىيەنى چۈشەندۈرۈش، ئىدىيە يېتەكچىلىكىگە ئومۇميۈزلۈك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا، خەلق ئاممىسى ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاساسىي قانۇن تەشۋىق ـ تەربىيە خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش، ئاساسىي قانۇننى خاتىرىلەش، دۆلەتنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسى قاتارلىق تۈزۈملەرنىڭ تەربىيەلەش فۇنكسىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر، تور ئەھلى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇننى خاتىرىلەش، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش، ئاساسىي قانۇن دەرسلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋاسىتىلەرنى تۇتۇپ، مەكتەپ، مەھەللە، تاراتقۇ قاتارلىق نۇقتىلىق بازىلارنى تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قانۇن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئۇقۇم، ئىجادىي نۇقتىئىنەزەرلەرنى تاۋلاپ، جۇڭگو ئاساسىي قانۇن پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىللىق تەربىيەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى، ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى ۋە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئىشەنچ، شىجائەت بىلەن تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىنى بۇرمىلايدىغان، قارا چاپلايدىغان، ھۇجۇم قىلىدىغان بارلىق خاتا سۆز ـ ھەرىكەتلەرگە قارشى جاسارەت، ئىشەنچ بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك.

يولداش ماۋ زېدۇڭ يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغاندا مۇنداق دېگەنىدى: «بىز ھازىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدىغان ۋە ئىتتىپاقلىشىشقا تېگىشلىك بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئاساسىي قانۇن مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن يېزىلغان.» بىز ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ