مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە كارخانىچىلىرى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى

2022.12.14 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  12-چېسلا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە كارخانىچىلىرى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سۆھبەت يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى.


  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-كورىيە دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئايرىلماس ھەمكارلاشقۇچى ھەمراھلاردىن. يېقىندا ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. جۇڭگو كورىيە بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، يېشىل ئىقتىساد، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. جۇڭگو-كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ 2-باسقۇچلۇق سۆھبىتىنى بالدۇرراق تاماملاپ، رايون ۋە دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلانلىقىنى ئورتاق قوغداشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.


  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېچىۋېتىش تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدۇ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدۇ. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى بازارنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. كورىيە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىنى قارشى ئالىمىز.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ