مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 13-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

لى چياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى

2022.12.14 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 13-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.


  تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەيدىغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى، دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ كۆلىمى ۋە ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى كۆپەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ھەر دەرىجىلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.


  تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 20 -قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسىنى بېكىتتى. ھەر دەرىجىلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، غايە-ئېتىقاد تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» فاڭجېنىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان فاڭجېن- سىياسەتلىرى ۋە قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈشىگە، تەشۋىق قىلىشىغا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەملىشىپ، قاراشلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە قاتنىشىشى ۋە قوللىشى؛ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشقا، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا كۈچ قوشۇشى؛ پۇقراۋى كارخانىلارنى ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال يېتەكلەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتنى گۈللەندۈرۈش» ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشى؛ يېقىن، پاك بولغان ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سودا قىلىشقا ماس كېلىدىغان، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت مۇھىتى، ئادىل، ئاشكارا قانۇنچىللىق مۇھىتى، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى، سودىگەرلەرگە مايىللاشقان، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشى؛ ئۆز قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قاراشلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە سودىگەرلەر جەمئىيىتى تەشكىلاتىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.


  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20– قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.


  مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى جياڭ گۇاڭپىڭ ھەر قايسى خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.


  بىز بۇرۇنقىدەكلا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۆز ئارا قوللاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.


  پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى خىزمەتنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىپ، سىياسىي، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.


  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى 12-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى. دوكلاتتا سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدە ساغلام بولۇش» نى ئىلگىرى سۈرۈش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ئىدىيىۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشتىكى يېتەكچىلىك رولى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى مۇلازىمەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشقا پائال يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.


  شى تەيفېڭ، ليۇ خې، شېن يۆيۆ، ما بياۋ ۋە خۇاڭ مېڭفۇ، جېڭ ۋەنتۇڭ، ۋاڭ چىنمىن قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


  بۇ قېتىمقى يىغىندا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى 12-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ، «جۇڭگو سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى 13-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى سايلاپ چىقىلىدۇ.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى






مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ