قەدىردان يولداش جياڭ زېمىن مەڭگۈ ھايات!

يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسەت كۈلى دېڭىزغا چېچىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ۋە يولداش جياڭ زېمىننىڭ رەپىقىسى ۋاڭ يېپىڭ قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جەسەت كۈلىنى قوغداپ ئېلىپ مېڭىپ، دېڭىزغا چاچتى

2022.12.12 21:38 مەنبە: خەلق تورى

  12-ئاينىڭ 11-كۈنى، يولداش جياڭ زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، قەدىردان يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسەت كۈلى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدا دېڭىزغا چېچىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ۋە يولداش جياڭ زېمىننىڭ رەپىقىسى ۋاڭ يېپىڭ قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جەسەت كۈلىنى قوغداپ ئېلىپ مېڭىپ، دېڭىزغا چاچتى. سۈرەتتە: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يولداش جاڭ زېمىننىڭ سۈرىتى، جەسەت كۈلى قۇتىسى ۋە گۈلچەمبىرەكلەرنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن جۇڭنەنخەي لەيفۇ زالىدىن چىقتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى



  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش جياڭ زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، قەدىردان يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسەت كۈلى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدا دېڭىزغا چېچىلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ۋە يولداش جياڭ زېمىننىڭ رەپىقىسى ۋاڭ يېپىڭ قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جەسەت كۈلىنى قوغداپ ئېلىپ مېڭىپ، پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرويغا ئىگە ئاجايىپ رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيەنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئىجاتچىسى يولداش جياڭ زېمىنغا بولغان چوڭقۇر تەزىيەسى ۋە چەكسىز سېغىنىشىنى ئەڭ يۈكسەك ھۆرمەت، ئەڭ ھەيۋەتلىك شەكىلدە ئىپادىلىدى.

  يولداش جياڭ زېمىن ئۈزۈل-كېسىل ماتېرىيالىزمچى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ جەسەت كۈلىنى چاڭجياڭ دەرياسى ۋە دېڭىزغا چېچىش ئارزۇسىنى قالدۇرغان. يولداش جياڭ زېمىن پۈتۈن ھاياتىنى ۋەتەن ۋە خەلققە تولۇق بېغىشلىغان.

  12-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يولداش جياڭ زېمىن ھايات ۋاقتىدا ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغان جۇڭنەنخەيدە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ، تەزىيە بىلدۈرۈلدى. لەيفۇ زالىغا يولداش جياڭ زېمىننىڭ رەڭلىك سۈرىتى ئېسىلغان، سۈرەتنىڭ ئاستىغا يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسەت كۈلى قۇتىسى قويۇلغان، ئۈستىگە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئوتقاشتەك قىزىل بايرىقى يېپىلغان ئىدى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ رەپىقىسى ۋاڭ يېپىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تەقدىم قىلغان گۈل سېۋىتى يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسەت كۈلى قۇتىسىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىدى، ئىككى تەرىپىگە باشقا ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر تەقدىم قىلغان گۈلچەمبىرەكلەر تىزىلغانىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، سەي چى ۋە دەپنە ھەيئىتى ئىشخانىسىدىكى رەھبىرىي يولداشلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ تۇغقانلىرى بىلەن بىللە بۇ يەرگە كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ، ئىنتايىن قايغۇلۇق كەيپىيات ۋە چوڭقۇر سېغىنىش ھېسسىياتى بىلەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ سۈرىتىگە ئۈچ قېتىم تازىم قىلدى. ئارقىدىن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يولداش جاڭ زېمىننىڭ سۈرىتى، جەسەت كۈلى قۇتىسى ۋە گۈلچەمبىرەكلەرنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن لەيفۇ زالىدىن چىقتى.

  جەسەت كۈلى قۇتىسى سېلىنغان ئاپتوموبىل جۇڭنەنخەيدىن ئاستا چىقتى، جۇڭنەنخەيدە خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، مەيدىسىگە ئاق گۈل تاقاپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزىتىپ قويدى.

  جەسەت كۈلى قۇتىسى سېلىنغان ئاپتوموبىل شىجياۋ ئايرودرومىغا ئاستا-ئاستا كىردى. قارىغاي ۋە ئارچىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يىراقتىكى تاغلار سۈكۈتتە تۇراتتى. ھاۋا ئارمىيە ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ، باش كىيىمىنى ئېلىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسەت كۈلىنى قوغداپ ئېلىپ ماڭغان مەخسۇس ئايرۇپىلاننى ئۇزىتىپ قويدى. مەخسۇس ئايروپىلان پايتەخت بېيجىڭ ئاسمىنىدا ئاستا بىر ئايلىنىپ ئۇچۇپ، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى تۆككەن بۇ جاي بىلەن خوشلاشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسەت كۈلىنى قوغداپ ئېلىپ ماڭغان مەخسۇس ئايروپىلان شاڭخەي خۇڭچياۋ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. ئارقىدىن جەسەت كۈلى قۇتىسى ئاپتوموبىل بىلەن ۋۇ سۇڭ ھەربىي پورت پىرىستانىغا ئېلىپ كېلىندى.

  ۋۇ سۇڭ ھەربىي پورت پىرىستانىدا دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، سۈكۈناتقا چۆمگەن ئىدى. قارا تەگلىك، ئاق خەتلىك پىلاكاتقا: «يولداش جياڭ زېمىن مەڭگۈ ھايات»، «يولداش جياڭ زېمىن قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات» دەپ يېزىلغانىدى. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر -ئەسكەرلىرى رەتلىك تىزىلىپ، باش كىيىمىنى ئېلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جەسەت كۈلىنى قوغداپ، جەسەت كۈلى قۇتىسى سېلىنغان ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، جەسەت كۈلىنى سۇپىغا قويدى. تۆۋەن ئاۋازلىق ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە، ئۇزاتقۇچىلار قايغۇلۇق ھېسسىياتتا رەتلىك تىزىلىپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ تازىم قىلىپ، يولداش جياڭ زېمىن بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالاشتى.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ياڭجوۋ» ناملىق پاراخوتى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى، پاراخوتتىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر سەپكە تىزىلىپ، سۈكۈتتە تۇردى. ياڭجوۋ يولداش جياڭ زېمىننىڭ يۇرتى. ياڭجوۋنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇ ھەربىي پاراخوت پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان بۇ ئاجايىپ رەھبەرنى ئالىي قائىدە-يوسۇن بويىچە ئۇزىتىپ قويدى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جەسەت كۈلى قۇتىسىنى كۆتۈرۈپ، ياڭجوۋ ناملىق پاراخوتقا چىقتى. دېڭىز ئارمىيەسى گۈدۈكى چېلىندى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قوراللىق سۈكۈتتە تۇرۇپ، ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قاراپ تۇردى. ياڭجوۋ ناملىق پاراخوت قوزغالغاندا، ھەربىي پورتتىكى بارلىق پاراخوتلار ئۇزاققىچە گۈدۈك چالدى، گۈدۈك ساداسى پەلەككە يەتتى.

  ياڭجوۋ ناملىق پاراخوت ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چاڭجياڭ دەرياسىدىن ھەيۋەتلىك دېڭىزغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. ھەربىي پاراخوت ئاستا-ئاستا يۈرۈپ، يولداش جاڭ زېمىن ياشلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزگەن، ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلغان، كۈرەش قىلغان، تۆھپە قوشقان شاڭخەي بىلەن خوشلاشتى.

  چۈش سائەت 12 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ياڭجوۋ ناملىق پاراخوت چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى سۇ ساھىلىگە يېتىپ كەلدى. ھەربىي پاراخوتنىڭ پالوبىسىدا ئۇزاتقۇچىلار سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. دېڭىز دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. سەي چى ۋە يولداش جياڭ زېمىننىڭ رەپىقىسى ۋاڭ يېپىڭ قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، قايغۇ ئىچىدە يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسەت كۈلىنى رەڭگارەڭ گۈل بەرگىلىرى بىلەن بىللە ئاستا-ئاستا بىپايان دەريا، دېڭىزلارغا چاچتى.

  شەرققە قاراپ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چاڭجياڭ دەرياسى بىپايان دېڭىزغا قۇيۇلماقتا، بىپايان جۇڭخۇا زېمىنىدىكى تاغ-دەريالار بىر ئۇلۇغ شەخسنىڭ شانلىق ھەم جەڭگىۋار ئەسىر ھاياتىغا گۇۋاھ بولدى، بۇ ئاجايىپ رەھبەرنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن بەجانىدىل ئىشلەيدىغان، ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغۋار روھى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

  شەرققە قاراپ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چاڭجياڭ دەرياسى بىپايان دېڭىزغا قۇيۇلماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان سوتسىيالىستىك جۇڭگو گۈللەپ ياشناپ، يېڭىچە تۈسكە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپە ھەيۋەتلىك باشلاندى، ئەجدادلار نەتىجىلەردىن چوقۇم مەمنۇن بولىدۇ.

  شەرققە قاراپ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چاڭجياڭ دەرياسى بىپايان دېڭىزغا قۇيۇلماقتا. قەدىردان يولداش جياڭ زېمىن، ئەلۋىدا! يولداش جياڭ زېمىننىڭ شانلىق نامى، تۆھپىسى، ئىدىيەسى، سالاپىتى مەڭگۈ تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلىدۇ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ