شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد پادىشاھ سالمانغا ۋاكالىتەن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2022.12.11 23:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد پادىشاھ سالمانغا ۋاكالىتەن رىياد پادىشاھ ئوردىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن خاۋ، ۋاڭ خەيجوۋ) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد پادىشاھ سالمانغا ۋاكالىتەن رىياد پادىشاھ ئوردىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12دىن 20 مىنۇتلار ئەتراپىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھ ئوردىسى موتوسىكلىتلىقلار ئەترىتى ۋە ئاتلىق ئەترەتنىڭ قوغدىشىدا، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ پادىشاھ ئوردىسى بەنگۇڭتىڭى مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان جايدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆزدىن كەچۈرۈش راۋىقىغا كىردى، پادىشاھ ئوردىسى ھەربىي ئوركېستىرى جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەدنىڭ ھەمراھلىقىدا پادىشاھ ئوردىسى ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى. سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھ ئوردىسى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى ئەنئەنىۋى قىلىچ تۇتۇش مۇراسىمى ئارقىلىق شى جىنپىڭنى ئەڭ داغدۇغىلىق قارشى ئالدى.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ