شى جىنپىڭ سەئۇد پادىشاھلىقى داشۆسى بەرگەن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلدى

2022.12.12 15:37 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىياد پادىشاھ ئوردىسىدا سەئۇد پادىشاھلىقى داشۆسىنىڭ پەخرىي دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد ھەمراھ بولۇپ مۇراسىمغا قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى


  شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىياد پادىشاھ ئوردىسىدا سەئۇد پادىشاھلىقى داشۆسىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد ھەمراھ بولۇپ مۇراسىمغا قاتناشتى.


  سەئۇد پادىشاھلىقى داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئۆمەر مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مائارىپ ۋەزىرى بېنيەن شى جىنپىڭغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى گۇۋاھنامىسى بەردى.


  سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: سەئۇد پادىشاھلىقى داشۆسى سەئۇدى ئەرەبىستانى چەكسىز پەخىرلىنىدىغان تۇنجى داشۆ. جۇڭگو دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئالغا بېسىش ۋە گۈللىنىشكە تەشنا بولغان ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى تەلپۈنىدىغان ئۈلگە، جۇڭگونىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيىتى رەئىس شى جىنپىڭدەك ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ۋە يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە ئۇلۇغ رەھبەرگە مەنسۇپ. سەئۇد پادىشاھلىقى داشۆسىدە جۇڭگو تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشى ۋە جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى تەرجىمە ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلغان، سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق نۇرغۇن ئوقۇغۇچى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان ئىنتىلىشىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، يەنە نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى بۇ يەردە ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، سەئۇد پادىشاھلىقى داشۆسى رەئىس شى جىنپىڭغا باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەنلىكىدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ.


  دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ