شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2022.12.11 23:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىياد پادىشاھ ئوردىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، جاڭ خاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىياد پادىشاھ ئوردىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

مۇھەممەد ئالدى بىلەن پادىشاھ سالمانغا ۋاكالىتەن شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى ھەمدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە سايلانغانلىقىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەرەب دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى، شۇنداقلا كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادىكى مۇھىم بىر مۇستەقىل كۈچ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلىدى. ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دىپلوماتىيە پۈتۈن ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىلەن مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق مېڭىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ «2030 - يىل ئارزۇسى»، «يېشىل ئوتتۇرا شەرق» قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «2030 - يىل ئارزۇسى»نى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىلەن ئېنېرگىيە سىياسىتى جەھەتتىكى ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خام نېفىت سودىسى كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، چارلاش، ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، فۇجيەن گۇلېي ئېتىلېن قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى جىزان كەسىپلەر توپلاشقان رايونى ۋە مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، رەقەملىك ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە، يۇقىرى تېخنىكا، ئالەم قاتنىشىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. يېقىندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق 100دىن ئارتۇق جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگەنگۈچى جۇڭگو يېزىقىدا ماڭا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپ ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنى جۇڭگو پۇقرالىرى ئۆمەك تەشكىللەپ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان مەنزىل دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىشكە قوشۇلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو - دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىنى ئېچىش ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو - دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىدە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى مەيدان باشلىقلار يىغىنىنى جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو - دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە كاتتا ئىشقا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو - دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مۇھەممەد مۇنداق بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق دوستانە مۇناسىۋەت، سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشنى ساقلىدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپمۇ «2030 - يىل ئارزۇسى»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ جەزمەن سەئۇدى ئەرەبىستانى - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدىگە ئايلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغانلىقىغا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ناملار بىلەن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، سودا ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېنېرگىيە تۈرلىرى ھەمكارلىقىغا قاتنىشىپ، ئاپتوموبىل، پەن - تېخنىكا، خىمىيە سانائىتى، كانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «يېشىل ئوتتۇرا شەرق» تەشەببۇسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن پاكىز ئېنېرگىيە، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خادىملار ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ داۋاملىق تۈردە سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەتلىشىش ھەمراھى بولۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدىكى ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشنى ھەم مۇھىم، زور رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە زىچ سۆھبەتلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، رايوننىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى - جۇڭگو مۇناسىۋىتى، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. مېنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىم تولۇق.

ئىككى تەرەپ جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە كومىتېتى باشلامچىسىنىڭ دەرىجىسىنى زۇڭلى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈشكە قوشۇلدى.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئەدلىيە، مائارىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، سېلىنما، تۇرالغۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەت نۇسخىلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھەممەدنىڭ پادىشاھ سالمانغا ۋاكالىتەن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ