شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان بىلەن كۆرۈشتى

2022.12.11 23:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىياد پادىشاھ ئوردىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋۇ جۇڭمىن، ليۇ خۇا) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىياد پادىشاھ ئوردىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن ئالدىنقى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈش ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە. مەن شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈمكى، بىز جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلىنىۋېتىپتۇ. جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەمكارلىقى كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنى كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادىكى مۇھىم كۈچ دەپ قارايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مەنپەئىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

سالمان مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، سىزنىڭ 2016 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارىتىڭىز ئۇنتۇلغۇسىز بولغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ياخشى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن مەسىلىلەردە مۇھىم ئورتاق تونۇشقا ئىگە، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەنپەئىتى دەل سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەنپەئىتى. مەن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دوستانە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن، بۇ يەنە رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، خاتىرجەملىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئىمزالىدى، ھەر ئىككى يىلدا ئىككى دۆلەتتە نۆۋەت بىلەن بىر قېتىم رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ