مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نەنجىڭدا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن 2022-يىللىق دۆلەت تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2022.12.16 15:25 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نەنجىڭدا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن 2022-يىللىق دۆلەت تەزىيە مۇراسىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.


  تەزىيە مۇراسىمى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىنىڭ يىغىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. نەق مەيدان ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈس ئالغان بولۇپ، دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلگەنىدى. ھەر ساھەدىن كەلگەن تەخمىنەن 3000 ۋەكىل مەيدىسىگە ئاق گۈل تاقاپ، ھۆرمەت بىلەن سۈكۈتتە تۇردى.


  دەل سائەت 10دا، تەزىيە مۇراسىمى باشلاندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى» ئورۇنلاندى. دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى. بىرلا ۋاقىتتا، نەنجىڭ شەھىرىدە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىندى، ئاپتوموبىللار توختاپ سىگنال بەردى، پىيادىلەر ئۆز جايىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، «دۆلەت تەزىيە مۇزىكىسى» ئاۋازى ئىچىدە، ئازادلىق ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چوڭ ئەترىتىدىكى 16 مۇراسىم ئەسكىرى سەككىز گۈلچەمبىرەكنى ھۆرمەت بىلەن تەزىيە سۇپىسىغا قويدى.


  ئارقىدىن سەي چى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن، بىز بۇ يەردە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە دۆلەت تەزىيە مۇراسىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن بىگۇناھ كىشىلەرنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە مىللەت قەھرىمانلىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنتېرناتسىئونالىست جەڭچىلەر ۋە خەلقئارادىكى دوستلارنى ياد ئېتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدىغان يۈكسەك ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇمايدىغان، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتىدىغان قەتئىي مەيدانىنى جاكارلىماقتىمىز.
سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: قىرغىنچىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەسەللى بېرەلەيدىغىنىمىز شۇكى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈرەش قىلىشى، جان تىكىپ ئېلىشىشى ئارقىلىق دۆلىتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندۇق، خەلق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇش كەچۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈردى.


  سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: تارىختىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئىلگىرىلەش قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.


  سەي چى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىراق كەلگۈسى ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلاپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلارغا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، مەسئۇلىيىتى مىسلىسىز ئېغىر، زور، بۇرچى چەكسىز شەرەپلىك. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، غەيرەت-شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك. جۇڭگو خەلقى دۇنيا خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.
سەي چىنىڭ سۆزىدىن كېيىن، نەنجىڭ شەھىرىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ 85 ۋەكىلى «تىنچلىق خىتابنامىسى» نى ئوقۇدى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن ئالتە ۋەكىل «تىنچلىق چوڭ قوڭغۇرىقى» نى چالدى. ئۈچ قېتىم چېلىنغان قايغۇلۇق قوڭغۇراق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، 3000 تىنچلىق كەپتىرى قانات قېقىپ پەرۋاز قىلدى، ئۇنىڭدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بولغان چەكسىز قايغۇلۇق ياد ئېتىش ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا بولغان چەكسىز ئارزۇ مۇجەسسەملەنگەنىدى.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېنچىڭ تەزىيە مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جۇ، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇ جەنگۇڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا قاتناشتى.


  ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، نەنجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغانلار ۋە ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار باش تېمىلىق خاتىرە ساراي (مۇزېي )لار، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپ ۋە ئاقىللار ئامبىرى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، نەنجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى تەزىيە مۇراسىمىغا قاتناشتى.


  2014-يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7-يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، قانۇن چىقىرىش شەكلىدە 12-ئاينىڭ 13-كۈنى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەر دۆلەت تەزىيە كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ