مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 16 قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

لى شى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى

2022.12.13 23:48 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 16-قۇرۇلتىيى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.
تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بەش يىل ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىرلىك سەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، «قوش ئايلانما تۈگۈنلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش» قاتارلىق مۇھىم تېمىلار ئۈستىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چۆرىدەپ، سىچۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش ۋە ئەنخۇينىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، چەت ئەللەر بولغان ئالاقىنى قانات يايدۇرۇش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تۆھپە قوشتى.
تەبرىك سۆزىدە مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغ ۋە جاپالىق ئىش، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا ئاساسەن قەتئىي تەۋرەنمەي، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سېپى، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە بىللە تۇرۇش، بىر-بىرىنى نازارەت قىلىش، بىر-بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق، بار-يوقنى تەڭ كۆرۈش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشنى قوللاپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.
تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، تېخىمۇ چوڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «چياۋخەي» (چەت ئەللەر بىلەن ئالاقىسى بار بارلىق ۋەكىل زاتلارنى كۆرسىتىدۇ) ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئومۇم ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش» ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، «چياۋخەيلەر ۋەتەن يولىدا جان پىدا قىلىش» بۇرچىنى جاسارەت بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ كەڭ ئەزالارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەزىپە -مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە -گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: ئادالەتچىلەر پارتىيەسى 15-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلق ئىشلىرىغا يېڭى تۆھپە قوشۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. يېڭى مۇساپىدە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ جاسارەتلىك ۋە خىزمەت كۆرسىتىش روھى بىلەن ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىسى ۋەن لىجۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خۇاچياۋلار كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چياۋمىنلار ئىشلىرى ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئىشلىرى ۋە چياۋمىن ئىشلىرى كومىتېتى، جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.
   يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋەن گاڭ جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى. دوكلاتتا ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىل ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدىن بۇيانقى ئاساسلىق خىزمەتلىرى ۋە ئاساسىي تەجرىبىلىرى خۇلاسىلەنگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ج ك پ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنى سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، تەشكىلىي جەھەتتە پۇختا، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك، ئىستىلى ياخشى، تۈزۈمى مۇكەممەل بولغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
   شى تەيفېڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، ۋېي فېڭخې، لۇ جەنگۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، جياڭ زوجۈن ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
 بۇ قېتىمقى يىغىندا ئادالەتچىلەر پارتىيەسى 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، «جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سايلاپ چىقىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ