مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ سان تومې ۋە پىرىنسىپىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭلىسى تروۋوئاداغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.12.19 15:23 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا تروۋوئاداغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سان تومې ۋە پىرىنسىپىنىڭ زۇڭلىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.


  لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سان تومې ۋە پىرىنسىپى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام، ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، نەتىجىلەر ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو-سان تومې ۋە پىرىنسىپى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سان تومې ۋە پىرىنسىپى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-سان تومې ۋە پىرىنسىپى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ