مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2022.12.19 15:26 مەنبە: خەلق تورى

  سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 82-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 2–ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.


  يىغىندا سىياسىي كېڭەش 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 25–قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىسى (لايىھە) ۋە كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھە) ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە)، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھە)، رەئىسلەر يىغىنىغا سىياسىي كېڭەش 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 25–يىغىنىدا ھەل قىلىنىپ بولۇنمىغان ئىشلارغا قاراپ چىقىشىغا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)، 2022-يىللىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەلا ئادا قىلغانلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، يۇقىرىقى لايىھەلەرنى سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 25-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023-يىللىق كېڭىشىش پىلانىغا قاراپ چىقىلدى ھەمدە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.


  ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى بىر-بىرىگە سىڭدۈرۈش، چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە تەڭ كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلدى. نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى باشتىن ئاخىر ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 -نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.


  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ما بياۋ، شيا باۋلۇڭ، باتىر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، شاۋ خۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ