شى جىنپىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى 2 - باسقۇچلۇق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

2022.12.19 00:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق شەكىلدە كانادانىڭ مونترېيالدا ئۆتكۈزۈلگەن «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى 2 - باسقۇچلۇق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق شەكىلدە كانادا مونترېيالدا ئۆتكۈزۈلگەن «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى 2 - باسقۇچلۇق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىدۇر، پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن يەرشارىۋى خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىمىز، يەرشارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشىمىز، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشىمىز كېرەك.

− جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش بويىچە يەرشارىۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، «2020 - يىلىدىن كېيىنكى يەرشارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى»نى تۈزۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن نىشان بېكىتىش، يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

− جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يەرشارىۋى مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇلۇغۋار غايىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا ماسلىشىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

− جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئارقىلىق يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

− ئادىل، مۇۋاپىق بولغان جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يەرشارىۋى تەرتىپىنى قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوللاپ، يەرشارىۋى ماكاننى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جانلىقلار كۆپ خىللىقىنى قوغداشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى تېپىپ چىقتى. كەلگۈسىدە، جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش 10 يىللىق ھەرىكەت پىلانىغا ئاۋاز قوشۇپ، جانلىقلار كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر زور بىر تۈركۈم مۇھىم، چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يېشىل تەرەققىيات خەلقئارا ئىتتىپاقىغا تايىنىپ، كۇنمىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى فوندىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، يەرشارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ