مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2022.12.23 23:54 مەنبە: خەلق تورى

  ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشنى ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ نۇقتىلىق تاۋارلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش بېكىتىلدى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى سىجىل، ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى


  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12–ئاينىڭ 20–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەرنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشنى ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ نۇقتىلىق تاۋارلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش بېكىتىلدى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى سىجىل، ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمەت نەتىجىلىرى ئاسان قولغا كەلمىدى. نۆۋەتتە، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئەسلىگە كېلىش ۋە نورمال ھالەتكە قايتىش ۋەزىيىتىنى ساقلاۋاتىدۇ، لېكىن ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ يەنىمۇ نورمال ھالەتكە قايتىپ ياخشىلىنىشىنى، كېلەر يىلى ياخشىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ___ مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى تۆۋەنلىتىشتىن نورمال ھالەتكە قايتىشقا ئۆزگەرتىشتە مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينىدى. بۇ سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ يەنىلا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش بوشلۇقى بار، بولۇپمۇ مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش ___ ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدە سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئىستىمالنى يېتەكلەشتە يەنىلا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ھازىر خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەنسە، كېلەر يىلى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇش، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.


  بىرىنچى، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تۈزلەش، تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچى، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي بۇيۇم مىقدارى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قىشلىق قۇرۇلۇش شارائىتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەردە ئىشنى توختاتماسلىق كېرەك؛ ئۈچىنچى، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش كېرەك. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاش، بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۆي-زېمىن كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قاتارلىق 16 تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كېڭىشىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ھالىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ ۋە ساقلاپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېقىندا ئالاقىدار تارماقلار يەرلىكنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يەنە بىر قېتىم ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە دېگەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەر شارى بويىچە پۇل پاخاللىقى يۇقىرى بولغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ مال باھاسى مۇقىم بولدى. يېڭى يىل ۋە چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بەزى جايلاردىكى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ى راۋان بولماسلىق مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئاشلىققا ئۆلكە باشلىقى، كۆكتاتقا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، «ئىككى بايرام»دا مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ۋە مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللاش ھەمدە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشتا ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ۋە ئاممىنىڭ قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل شەھەر-بازارلاردا 12 مىليون ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، لېكىن ھازىر مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى، بازار سۇبيېكتىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئۈچىنچى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ چاغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئىش ئورنىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك؛ تۆتىنچى، ئىگىلىك تىكلەش يولى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاش لازىم؛ بەشىنچى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دائىرىنى كېڭەيتىشكە تېگىشلىكلىرىنى كېڭەيتىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك قۇتقۇزۇش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىش كېرەك؛ ئالتىنچى، يۇقۇم سەۋەبىدىن قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىغا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ئەھۋالى جىددىي بولسا ئالدىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، نوپۇسى شۇ جايدا بولمىغانلارغا جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەن جايدىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش لازىم. ئاپەتكە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.



  يىغىندا باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ