مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا كوتېدىۋويرې زۇڭتۇڭى، گېرمانىيە زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.12.22 01:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن تەكلىپ بويىچە كوتېدىۋويرې زۇڭتۇڭى ۋاتارا بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كوتېدىۋويرې جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن كوتېدىۋويرېنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق خاتىرىلىشىگە ئەرزىيدۇ. جۇڭگو تەرەپ كوتېدىۋويرې تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، كوتېدىۋويرې تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، جۇڭگو - كوتېدىۋويرې مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كوتېدىۋويرېنىڭ ھەمكارلىقى كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە. جۇڭگو تەرەپ كوتېدىۋويرې تەرەپ بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى كېڭەيتىپ، شال، كاكائو قاتارلىقلارنى تېرىش ۋە پىششىقلاش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كوتېدىۋويرېنىڭ كاكائو كەسپىنى زورايتىشى، كۈچەيتىشىنى قوللاشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپ قوللاپ قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان ئالاقىدار تۈرلەرنىڭ تېزدىن پۈتۈشى ھەم ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى كوتېدىۋويرېغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كوتېدىۋويرې تەرەپنىڭ تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئالقىشلايدۇ، كوتېدىۋويرې تەرەپ بىلەن سىياسەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كوتېدىۋويرې تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ھەم قۇربىنىڭ يېتىشىچە قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر چىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىدە ۋە توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ، داۋاملىق ھالدا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كوتېدىۋويرې قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ۋاتارا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن. 2018 - يىلى جۇڭگوغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىم مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، كوتېدىۋويرې بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پات ئارىدا كۈتۈۋېلىشقا نىسبەتەن زور ئۈمىدكە تولدۇم. جۇڭگو تەرەپ كوتېدىۋويرېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللاشنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، مۇھىم تۆھپە قوشتى، كوتېدىۋويرې تەرەپ بۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. كوتېدىۋويرې تەرەپ جۇڭگو خەلقىگە بولغان گۈزەل دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۆڭلىگە پۈككەن. كوتېدىۋويرې تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى پائال قوللايدۇ. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كوتېدىۋويرېغا كېلىپ كاكائو پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىپ، كوتېدىۋويرېنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ. كوتېدىۋويرې تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ئالاقىنى ۋە ھەمكارلىشىشنى ساقلاشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بويىچە گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستەيىنمەيئېر بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىدە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ياخشى بولغان چوڭ يۆنىلىشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلارغا ئايلاندى. جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى چوڭقۇر خەلق رايى ئاساسىغا، كەڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە مول مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىگە ئىگە. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتى چوقۇم توغرا يولدا ماڭالايدۇ، مەزمۇت ماڭالايدۇ، يىراققا بارالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىدە كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك 50 يىلنى ئېچىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، ئىككى تەرەپ توغرا ئاساسىي تونۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە باشتىن - ئاخىر سۆھبەتلىشىدىغان ھەمراھلار، تەرەققىياتتىكى ھەمراھلار، ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھلار، يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان ھەمراھلاردۇر. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ھالدا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىجابىي پوزىتسىيە ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى داۋاملىق بېيىتىشى كېرەك.

ئىككىنچى، جۇڭگو - گېرمانىيە ھەمكارلىقى ئەمەلىي، ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك. ئۆتكەن 50 يىلدا جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ سودا سوممىسى 870 ھەسسە ئاشتى. ئىككى تەرەپ تەستە قولغا كەلگەن ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قەدىرلىشى، بازار، كاپىتال، تېخنىكا ئەۋزەللىكى ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، ئاپتوموبىل، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى زورايتىپ، مۇلازىمەت سودىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگودا مەبلەغ سالغان گېرمانىيە كارخانىلىرىغا بىردەك ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ، گېرمانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەدە مەبلەغ سېلىشىنى ئادىل، ئوچۇق بولغان، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا يول باشلاش جۇڭگو - گېرمانىيە ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىشقا تېگىشلىك يۆنىلىش. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوللايدۇ، ياۋروپا تەرەپنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ئاساسىي ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇشىنى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشىنى، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ 3 - تەرەپكە قارىتىلماسلىقى، 3 - تەرەپكە بېقىنماسلىقى، شۇنداقلا 3 - تەرەپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقىدا چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە تەرەپنىڭ ئاكتىپ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن يۇقۇمدىن كېيىنكى مەزگىلدىكى ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق كىرىزىسى، ئېنېرگىيە كىرىزىسى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ، چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

ستەيىنمەيئېر مۇنداق بىلدۈردى: يىل ئاخىرى يېتىپ كېلىش پەيتىدە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، تۆت يىل ئىلگىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈش ھېلىمۇ ھازىرقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. بۇ يىل خەلقئارا ۋەزىيەت ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان بوران - چاپقۇن، ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، شۇنداقلا گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا توغرا كەلدى. 50 يىلدىن بۇيان، گېرمانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، ئىچكى خاس مەزمۇنىنىڭ ئوقۇم دائىرىسى موللىشىپ، كېڭىيىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. گېرمانىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆتمۈشنى ئەستايىدىل ئەسلەپ ۋە خۇلاسىلەپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا نەزەر سېلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش روھى بىلەن گېرمانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. مېنىڭ گېرمانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى پارلاق ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىم تولۇق. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىشىشىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە زىچ كېڭىشىش، ماسلىشىشنى ساقلاپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئېنېرگىيە كىرىزىسى، ئاشلىق كىرىزىسى، كەسىپ زەنجىرى - تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى، ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئورتاق خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى ئالقىشلايدۇ، شۇنداقلا ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ياراشتۇرۇش، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، كىرىزىسنى ئۇزاققا سوزۇۋېتىش، مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى نامايان قىلىپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا باشلامچىلىق قىلىپ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ