مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رۇسىيە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى

2022.12.23 15:07 مەنبە: خەلق تورى

  12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەكلىپى بىلەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى.


  شى جىنپىڭ مېدۋېدېۋغا زۇڭتۇڭ پۇتىنغا بولغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىشقا، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە تولۇق غەيرىتىمىز بار، تولۇق ئىشەنچىمىز بار. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى ئۇزاق مەزگىل مېخانىزملاشقان ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەيدىغان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىدىغان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى نامايان قىلىدىغان ئۆزگىچە يول ۋە سۇپىغا ئايلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى «ئۈچىنچى 10 يىل»غا قەدەم قويدى. ئىككى پارتىيەنىڭ داۋاملىق تۈردە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى تەجرىبىلەر، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن 10 يىلدا، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم، يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئاساسىدا چىقارغان ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدە، جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ئۆزىنىڭ مەيدانى ۋە سىياسىتىنى ئىشنىڭ ھەق - ناھەق، توغرا - خاتالىقىغا قاراپ بەلگىلەپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشكە پائال تۈرتكە بولدى. ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئاقىلانىلىك ۋە سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى سىياسىي ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  مېدۋېدېۋ ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يازغان ئىمزالىق خېتىنى تاپشۇرۇپ بەردى، پۇتىننىڭ شى جىنپىڭغا بولغان دوستانە سالىمى ۋە گۈزەل تىلىكىنى يەتكۈزدى. مېدۋېدېۋ شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا بىر يۈرۈش مۇھىم، زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشى 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەنمۇ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەمكارلىقى رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى پارتىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپ كەڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سىرتنىڭ تۈرلۈك بېسىمى ۋە ئادالەتسىز تەدبىرلەرنى ئورتاق توسۇپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ سەۋەبى بار، ناھايىتى مۇرەككەپ، رۇسىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ.


  ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا خەلقئارا رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.


  ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ