مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2022-يىللىق ئىككى قىرغاق كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ يىللىق يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.12.23 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  2022-يىللىق ئىككى قىرغاق كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنى 12–ئاينىڭ 20–كۈنى شيامېن شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ ئىككى قىرغاق كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنى كېڭىشىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن يىللىق يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ئەزالار ۋە يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلاردىن ھال سورىدى.


  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى قىرغاق كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنى ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىقتىسادىنى زورايتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى.


  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. بۇ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تاكتىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت–سائادىتىنى ئاشۇرىدىغان تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىمىز.


  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا «كەسىپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېشىل رەقەملىك يېڭى ئىقتىساد بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم پۇرسىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، دىققەت ياسىمىچىلىقنىڭ سەرخىل، ئاقىل، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئىككى قىرغاق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشتەك ئورتاق ئارزۇسى تولۇق نامايان قىلىندى. جەزمەن ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئالاقە ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، يېڭى بوشلۇق ئېچىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.


  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئىشى. ئىككى قىرغاقتىكى كارخانىچىلارنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. باشلىقلار يىغىنىدىكى ئىككى تەرەپ كېڭىشىنىڭ ئىككى قىرغاقتىكى كارخانا ساھەسى، سودا-سانائەت ساھەسىنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، تەيۋەن بوغىزىنىڭ تننچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سىجىل كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  باشلىقلار يىغىنىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ كېڭەش باشلىقى گو جىنلۇڭ ۋە تەيۋەن تەرەپ كېڭەش باشلىقى ليۇ جاۋشۈەن، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى چېن رۇيلۇڭ قاتارلىقلار يىللىق يىغىنغا قاتناشتى، ئىككى قىرغاقتىكى سودا-سانائەت ساھەسىدىكى 300دىن ئارتۇق زات يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ