مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئاۋستىرالىيە باش ۋالىيسى ۋە زۇڭلىسى بىلەن جۇڭگو - ئاۋسترالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.12.23 23:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيە باش ۋالىيسى خۇرلېي ۋە ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېسې بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە ئوخشاشلا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر بولۇپ، جۇڭگو - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ھەم گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. مەن جۇڭگو - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئاۋسترالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىمىزنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

خۇرلېي مۇنداق بىلدۈردى: 50 يىل بۇرۇنقى تارىخىي خاراكتېرلىك قارار ئاۋسترالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئېچىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەتكە بىردەك ئېشىش ۋە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئاۋسترالىيە تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھى ئاساسىدا، جۇڭگو بىلەن مۇقىم ۋە ئىجابىي بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېسې بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - ئاۋسترالىيە ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئالبانېسې مۇنداق بىلدۈردى: 1972 - يىلى زۇڭلى خىتلام رەھبەرلىكىدىكى ئاۋسترالىيە ئىشچىلار پارتىيەسى، ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلىشى جۈرئەت ۋە يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە. بۇ توغرا قارار ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈدىغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، مۇقىم بولغان ئاۋسترالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. مەن داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ئاۋسترالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ