مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2022.12.28 00:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل يۇقۇمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىق بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق سېپىدىكى يولداشلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خىزمەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، خىزمەت شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۆلىتىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، ساغلاملىق ماھارىتىنى ئىگىلەش، ياخشى شەخسىي تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈش، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان مەدەنىي، ساغلام بولغان كىچىك مۇھىت شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جەمئىيەت چوڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، مول ئۈنۈملۈك ئاممىۋى تازلىق پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، بۇ بىر تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم، زور قۇرۇلۇش. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مېخانىزم ۋە خىزمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش تەدبىرلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

  ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى پارتىيەمىزنىڭ ئاممىۋى لۇشيەننى سەھىيە - كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە تەتبىقلاشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى. 70 يىلدىن بۇيان، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى باشتىن - ئاخىر پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، كۆپ تارماق ھەمكارلىشىش، پۈتۈن جەمئىيەت قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئومۇميۈزلۈك تازلىق، ئومۇميۈزلۈك ساغلاملىق» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ