مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۈيجيې بىلەن تېلېفونلاشتى

2023.01.01 00:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا، سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۈيجيې بىلەن تېلېفونلاشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، ئۈلگىلىك خاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا زۇڭلى لى شيەنلۇڭ بىلەن بانكوكتا ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنى ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىنگاپور تەرەپ بىلەن بىرلىكتە مېخانىزم يىغىنىدىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان ۋە سىياسەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ رۈيجيې سىنگاپور-جۇڭگو ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنىنىڭ ئۆزگىچە قىممىتى ۋە مۇھىم سۇپىلىق رولىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، سىنگاپور-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مول نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى. سىنگاپور تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مېخانىزم يىغىنىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. سىنگاپور تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ