مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

2022.12.30 16:12 مەنبە: خەلق تورى

  پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك


  پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بولغان تونۇشنى، تەسىراتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


  لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى چوقۇم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتۈن جەريانىدا نامايان قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى زىچ چۆرىدەپ ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇش كېرەك. يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بارلىق مۇھىم خىزمەت، مۇھىم ئىشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


  لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بولۇپ، چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىگىلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زۆرۈر دەرس ۋە ئاساسىي ماھارەت قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ سىياسىي ئورنى ۋە نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقات، شەرھلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


  لى جەنشۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى قانۇنچىللىق تىرىكى ۋە كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، شۇڭا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن- نىزاملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق شەكلى ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «تۆت ئورگان» يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى تەلىپىدە جەزمەن سىياسىي قۇرۇلۇشنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.


  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


  يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ئۆگىنىش قىلغاندا، پىكىر ئالماشتۇرغاندا بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭنى يادرو قىلغان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا يۆنىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى روھىنى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ