مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 38-يىغىنى 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئىقتىسادىي تەپتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى، لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى

2022.12.30 00:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 38-يىغىنى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى.


  مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن نەق مەيداندا قاتنىشىش بىلەن توردا سىنلىق قاتنىشىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 134 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.


  يىغىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۈ جيادۇڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر تونۇشتۇرۇلۇپ، دۇچ كەلگەن ئومۇمىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


  يىغىندا ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇپەتتىشى ۋاڭ بېنچياڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن 2021-يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى؛ بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىش تەلەپ قىلىنغان 4412 مەسىلە دەل جايىدا تۈزىتىلدى، باسقۇچقا بۆلۈپ تۈزىتىش تەلەپ قىلىنغان 1162 مەسىلە تۈزىتىلدى، سىجىل تۈزىتىش تەلەپ قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە تەدبىر ۋە پىلان تۈزۈلدى. ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تۈزىتىشتە ھەمتۈرتكە بولۇپ، بۇزۇش بىلەن تۇرغۇزۇشنى تەڭ تۇتۇپ، تۈزىتىشنى بەلگىلىمىگە بىرلەشتۈرۈشكە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.


  يىغىندا مالىيە مىنىستىرى ليۇ كۈننىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن مالىيە ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغىنى تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا مالىيە ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغىنى تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش ئاساسىي ئەھۋالى، مالىيە ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى ئاساسلىق تەدبىر ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر تونۇشتۇرۇلدى. كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مالىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مالىيە كاپالىتى سالمىقىنى زورايتىش؛ تۈزۈم، سىياسەت سىستېمىسىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش؛ چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنىڭ دەل جايىدا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ مەبلەغ تەقسىماتىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.


  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، قانۇن بويىچە چاڭجياڭ دەرياسىنى تۈزەش، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش، چاڭجياڭ دەرياسىنى گۈللەندۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن پائال ئىلگىرىلەشلەر تونۇشتۇرۇلدى، ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر كۆرسىتىلدى ھەمدە چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش؛ ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇش؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە- مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەشنى قانۇن بويىچە يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش؛ قانۇن-قائىدە ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.


  يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتىغا تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى ئوتتۇرا مەزگىللىك ۋاقىتلىق تەڭشەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىلدى.


  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرگە قارىتا 9203 تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىر بېرىپ، 208 بېجىرگۈچى ئورۇننىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشىگە بىرتۇتاش تاپشۇردى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى گو جېنخۇا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جىن جۇاڭلۇڭنىڭ ئايرىم–ئايرىم بەرگەن 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇ يىلقى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تاپشۇرۇش، بېجىرىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش خىزمەت مېخانىزمى كۈنسېرى مۇكەممەللەشكەن. ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل بېجىرىپ ۋە ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ، بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.


  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ۋە 2022 –يىللىق ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بەش يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەنگە ئېلىشقا يوللىغان قانۇن-نىزام، ئەدلىيەلىك ئىزاھات ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون قانۇنىدىن جەمئىي 7261ى قوبۇل قىلىندى. سىجىل تىرىشىش ۋە ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە روشەنلىشىش، تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇش تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى مېخانىزمىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇق، تەلىپىنى جەزمەن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش بىرلىكىنى قوغداش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. دوكلاتتا يەنە 2022-يىللىق ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى ھەمدە 2023-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ دەسلەپكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئويلىنىپ كۆرۈشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


  يىغىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۈ گەنلۇنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن، قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىپ قالغان، قانۇنسىز ئىشقا ئورۇنلاشقان چەت ئەللىكلەر ئەھۋالىنى تۈزەش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.


  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.


  دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى جاۋ كېجى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، قىسمەن مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ