مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.01.03 23:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 2022 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ۋە رۇسىيە خەلقىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2022 ـ يىلى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. تېز ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە سىجىل يامراۋاتقان يەرشارىۋى يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر ساغلام تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. بۇ بىر يىلدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ، ئېنېرگىيە، مەبلەغ سېلىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلىنى رەسمىي باشلىدى، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 2023 ـ يىلى جۇڭگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشلايدىغان يىل، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىمۇ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

زۇڭتۇڭ پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بايرىمىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، دوستانە جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك، ئامان ـ ئېسەن، ساغلام بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر يىلدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ـ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى سىجىل كۈچىيىپ، كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ، تاشقى خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى مول بولدى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىدا تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، چېگرا ھالقىغان مۇھىم، زور قاتناش ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش تاماملاندى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئىشىنىمەنكى، ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، رۇسىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ جەمئىيەت رايى، خەلق رايى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 27 ـ قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن زۇڭلى مىشۇستىن بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. مىشۇستىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ـ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش رامكىسىدا ھاسىل قىلىنغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ