مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ لۇلانىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2023.01.03 23:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى




شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لۇيىز ئىناسىئو لۇلا داسىلۋاغا خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە يەرشارىۋى تەسىرگە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە مۇھىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلىتى، ئۆزئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىيات مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالغان. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 48 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سىجىل، چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىپ، جانلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى، ئۇ مول ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە. مەن جۇڭگو - بىرازىلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، بىر - بىرىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن جۇڭگو - بىرازىلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ