مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا باش ۋالىيسى ۋىللىيامس بىلەن جۇڭگو ـ ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.01.03 23:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى




شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا باش ۋالىيسى ۋىللىيامس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا جۇڭگونىڭ كارىب رايونىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو ـ ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولدى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى، خەلقلەرنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ـ ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىككى دۆلەت دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. مەن جۇڭگو ـ ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش ۋالىي ۋىللىيامس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايمەن.

ۋىللىيامس مۇنداق بىلدۈردى: ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلىگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال، بۇ، ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئابىدە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىنى قوغداش ھەم كۈچەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا زۇڭلىسى بروۋن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو ـ ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

بروۋن مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى، ئانتىگۋا ۋە بار بۇدا ئىزچىل بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئانتىگۋا ۋە بار بۇداغا ئوچۇق قوللۇق بىلەن ياردەم بەردى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە نۇرغۇن بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ