مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رامافۇسانىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسىلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.01.03 23:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، رامافۇسانىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىڭىزدىن خۇشال بولدۇم، سىزنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن، سىزنىڭ بۇ ئالىي ئىش ئورنىدا يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. مەن رەئىس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ