مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ ئىقتىساد گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىقتىسادنى خەۋەر قىلىش ئىدىيەسى ۋە شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك

2023.01.03 23:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى




تەبرىك خېتى

ئىقتىساد گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، مەن گېزىتخانىدىكى بارلىق يولداشلارنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن!

40 يىلدىن بۇيان، ئىقتىساد گېزىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، ئىقتىساد سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش، ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى خەۋەر قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىقتىساد گېزىتىنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى خەۋەر قىلىش ئىدىيەسى ۋە شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2023 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى ئىقتىساد گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، گېزىتخانىدىكى بارلىق يولداشلارنى سەمىمىي تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 40 يىلدىن بۇيان، ئىقتىساد گېزىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، ئىقتىساد سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش، ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى خەۋەر قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى خەۋەر قىلىش ئىدىيەسى ۋە شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىقتىساد گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەۋەر قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى ئاساس، ئىلغار تېخنىكىنى تىرەك، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كاپالەت قىلغان پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىساد گېزىتىنى بارغانسېرى ياخشى چىقىرىش كېرەك.

يىغىندا، ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مەسئۇلى ۋە پېشقەدەم يولداشلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

ئىقتىساد گېزىتى 1983 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى نەشر قىلىنغان، نۆۋەتتە، قارىمىقىدا 16 گېزىت ـ ژۇرنال، تور بېكىتى بار بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى چۈشىنىشى، ئىقتىساد ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ