شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ماركوس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2023.01.05 23:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا كەلگەن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ماركوس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ ماركوسنىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ سىزنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سىرتىدىكى دۆلەتتە رەسمىي زىيارەتتە بولۇشىڭىز، شۇنداقلا سىز بۇ يىل جۇڭگو تەرەپ كۈتۈۋالغان تۇنجى چەت ئەل رەھبىرى. بۇ، جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، شۇنداقلا بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىنىڭ دىپلوماتىيە ئەندىزىسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنىلار. ئىككى دۆلەتنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئالاقىلىشىش تارىخىدا، بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئورتاق بولغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇپ كەلدى. 48 يىل ئىلگىرى، دادىڭىز جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بىلەن ۋەزىيەتنى ئېنىق كۆزىتىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي قارارنى ئورتاق چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتا، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە فىلىپپىننىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىي ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز ۋە سىزنىڭ جەمەتىڭىز دەسلەپكى مەقسەتتە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جۇڭگو - فىلىپپىن دوستلۇقىغا تۈرتكە بولدى، بۇ دوستلۇق ئىنتايىن قىممەتلىك. بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىڭىزنىڭ بىر قېتىملىق «ئەسلىمە سەپىرى» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر قېتىملىق «باشلىنىش سەپىرى» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر فىلىپپىننى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىپ، جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇردى. مەن سىز بىلەن دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى قوشنىلاردىن، سىرداش ياخشى تۇغقانلاردىن، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسىمۇ، تۈزۈلمىسى پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىياتقا ئىنتىلىش يولىدىكى نىشانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يولى تۇتاشقان، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، سىياسىي پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يېزا ئىگىلىكى، ئاساسىي قۇرۇلۇش، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەسىنى بېكىتتى، بۇ، جۇڭگو - فىلىپپىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە تىرەك بولىدىغان ئاساسىي قۇرۇلما، زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى يارقىن نۇقتا يارىتىش كېرەك. جۇڭگو يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، فىلىپپىننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مەركىزىنىڭ ماركىلىق تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، سورت يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، زاپاس ساقلاش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، زەمبۇرۇغ ئوتى ھەمكارلىقىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ئۇل ئەسلىھە ۋە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەردىكى «قاتتىق» ئاساسىي قۇرۇلۇش ھەمكارلىقىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېلېگراف، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق «يۇمشاق» ئاساسىي قۇرۇلۇش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، فىلىپپىننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئەنئەنىۋى تاشقاتما ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ئېنېرگىيە جەھەتتە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن تەرەپ بىلەن دېڭىز مەسىلىسىنى داۋاملىق دوستانە كېڭىشىش شەكلىدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش سۆھبىتىنى قايتا باشلاپ، تالاش - تارتىش بولمىغان رايونلاردا نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يېشىل ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو فىلىپپىننىڭ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىلىپپىنغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە مەدەت بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، مېتېئورولوگىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك كەسىپ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆلكە، شەھەر، رايون، ناھىيەلىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىش ھەمكارلىقى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاۋاتىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقىسىنىڭ يەنە يۇقۇمدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش قويۇق ھالەتكە قايتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئوخشاشلا ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز قوشنىلار ئىناق، دوستانە ئۆتىدىغان ئەتراپ مۇھىتىدا يىلتىز تارتقان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىدە يىلتىز تارتقان. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دىققەتنى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون ھەمكارلىقىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى ياخشى قوغداپ، «بەش چوڭ ماكان» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇ رايوننىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلۇپ، لاگېرلار قارشىلىشىشىدىن ساقلىنىپ، سىجىل تۈردە تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئېگىزلىكى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن تەرەپنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، فىلىپپىن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا قوللاشنى زورايتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ماركوس مۇنداق بىلدۈردى: ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئارزۇيۇمنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سىرتىدىكى دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشۇم، مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق دۇنياغا فىلىپپىن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە بىردەك يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، فىلىپپىن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە بىردەك كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى ئۈمىد قىلىمەن. فىلىپپىن بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 48 يىللا بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى مىڭ يىلدىن ئاشتى. مەن ئەينى يىلى فىلىپپىن بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش تارىخىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن، بۈگۈن مەن فىلىپپىن - جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالدىم. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ھەمكارلىقنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىپ، فىلىپپىن - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئىككى دۆلەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس ۋە مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى، شۇنداقلا ئۆز رايونىمىزنىڭ قايتىدىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. فىلىپپىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى داۋاملىق بېيىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئاساسىي قۇرۇلۇش، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت، سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن - تېخنىكا، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، بۈگۈن بىز ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ ئىمزالىغان نۇرغۇن ھەمكارلىق ھۆججەتلىرى فىلىپپىننىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور دەرىجىدە كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو فىلىپپىننىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھەمكارلىق ھەمراھى، ھېچقانداق نەرسە فىلىپپىن - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. فىلىپپىن تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. فىلىپپىن تەرەپ داۋاملىق تۈردە دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق دېڭىز مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ فىلىپپىننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو خەلقىنىڭ فىلىپپىنغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ ۋە ئۆگىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بېرىش - كېلىشىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا، مۇستەھكەم ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ فىلىپپىن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچىم بار.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، تاموژنا، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ساياھەت قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ماركوس ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى تىزىلىپ تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈردى، مېھمان كۈتۈش كانايچىلىرى ھۆرمەت كانىيىنى چالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - فىلىپپىن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. ماركوس شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋە ماركوسنىڭ رەپىقىسى لىسا قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا ھەمراھ بولۇپ قاتناشتى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ماركوس ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لىسا ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  ماركوس جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىدۇ.

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ