مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن تېلېفونلاشتى

2023.01.09 15:22 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5-چېسلا چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋاقتا تەكلىپكە بىنائەن پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن تېلېفونلاشتى.


  ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئالدى بىلەن يېڭى يىللىق سالام يوللاشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقى خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر ئەتراپتىكى دۆلەتلەر دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، پاكىستاننىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللايدۇ، پاكىستاننىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. زۇڭلى ئەپەندى يېقىندا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو پاكىستان بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.


  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى مۇرەككەپلىشىپ، پۇل پاخاللىقى ئۆرلەش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلەش، پۇل قىس بولۇش، قەرز يۇقىرى بولۇش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولماقتا. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز ئارا ئېچىۋېتىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ماكرولۇق ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو پاكىستاننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى باشتىن-ئاخىر قوللايدۇ، پاكىستان بىلەن بىرلىكتە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشنى خالايدۇ. پاكىستاننىڭ جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى خادىملىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


  شاھباز جۇڭگونىڭ پاكىستاننىڭ كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشىنى زور دەرىجىدە قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگونىڭ پاكىستان قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا پاكىستان بىلەن باشتىن ئاخىرغىچە بىر سەپتە تۇرۇپ پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ چوڭقۇر ۋە يىمىرىلمەس دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلغانلىقىنى يۈكسەك تەرىپلىدى، پاكىستاننىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان بارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى تېلېفونلىشىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ