مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ۋاڭ ياڭ قاتناشتى

2023.01.17 01:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى: سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ؛ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىغا قاتنىشىدىغان ئورۇنلار، ئەزالار سانى ۋە ئەزالار نامزاتىنىڭ ئىسىملىكى كېڭىشىپ قارار قىلىنىدۇ؛ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ؛ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھەسى) قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ؛ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ قارالمىسى (لايىھەسى) ۋە كۈنتەرتىپى (لايىھەسى) قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ؛ رەئىسلەر يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلارنى قاراپ چىقىشىغا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ؛ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ.

  ئېچىلىش يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھەسى)نى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھەسى)نى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، نوپۇس-بايلىق-مۇھىت كومىتېتى، مائارىپ-پەن-سەھىيە-تەنتەربىيە كومىتېتى، جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتى، مىللەت-دىن كومىتېتى، شياڭگاڭ-ئاۋمېن-تەيۋەن-چياۋمىنلار كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مەدەنىيەت-تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ بەش يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ