مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ گىرېتسىيە ئالىملىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2023.02.22 09:45 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئافىنا داشۆنىڭ پىروفېسسورى ۋېرۋىداكىس قاتارلىق گىرېتسىيە ئالىملىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جۇڭگو - گىرېتسىيە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، قەدىمكى يۇنان مەدەنىيلىكىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر. 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى، جۇڭگو - گىرېتسىيە ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى بېشىدا كۆزنى چاقنىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇل سېلىش خاراكتېرلىك مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان. ھازىر، ئىككى دۆلەتنىڭ جۇڭگو - گىرېتسىيە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى، جۇڭگو - گىرېتسىيە مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتا ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە بەلگىسىگە ئىگە مەدەنىيلىكنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ رەڭدار گۈلزارلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. تۈرلۈك مەدەنىيلىك ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي ئىزدىنىشى ۋە يول ئېچىشىنىڭ مول جۇغلانمىسى، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق يېتەكچىسى. بىز ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن تۈرلۈك مەدەنىيلىكنىڭ ئۇزاق مەنبەسى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، بارلىق مەدەنىيلىكنىڭ جەۋھەرلىرى ئارقىلىق بۈگۈنگە بەخت يارىتىشىمىز، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو - گىرېتسىيە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەركىزىنىڭ بۇ جەھەتتە جەزمەن زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قەدىمكىنى بىلىپ ھازىرقىغا ئۆرنەك قىلىش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش كېرەك. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ھەممىنى قوبۇل قىلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ گۈللىنەلەيدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ماددىي ۋاسىتىگە تايىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە، شۇنداقلا مەنىۋى كۈچكە تايىنىپ سەمىمىي، دۇرۇس بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو ۋە گىرېتسىيە مەدەنىيلىكى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەت قارىشى، دۇنيا قاراش، ئالەم قارىشى، كىشىلىك ھايات قارىشى، ئىلىم - پەن قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى قاتارلىقلارنىڭ مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر بولۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، چوقۇم ئىنسانىيەتنىڭ دەۋر قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم مەنىۋى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

  2019 - يىلى رەئىس شى جىنپىڭ گىرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا، گىرېتسىيە رەھبەرلىرى بىلەن مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلدى. زىيارەتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - گىرېتسىيە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەركىزى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئافىنا داشۆنىڭ پىروفېسسورى ۋېرۋىداكىس قاتارلىق بەش گىرېتسىيەلىك ئالىم بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە سۆزلەپ، بۇ مەركەزنىڭ تەييارلىق ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تونۇشتۇرغانىدى. 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو - گىرېتسىيە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئافىنا داشۆدە ئۆتكۈزۈلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ