مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىرقانچە مۇھىم، زور مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا

2023.02.14 09:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە، سىستېمىلىق پىلانلاشقا، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ئېھتىياجلىق»، مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە مۇھىم، زور مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسىزملىق دىيالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ ئىدىيەۋى ئۇسۇلىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا بولغان تونۇشىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى.

  پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا، توغرا يولدا مېڭىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئۈنۈم ۋە ئادىللىق، ھاياتىي كۈچ ۋە تەرتىپ، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مۇناسىۋەتلەرنى توغرا ياخشى بىر تەرەپ قىلىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى توغرا چۈشىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش دىيالېكتىك بىرلىككە ئىگە. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى، مۇھىم، زور پىرىنسىپى چوڭقۇر بايان قىلىندى، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىشى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش باسقۇچلارغا بۆلۈپ، ساھەلەرگە بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوخشاشلا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە ئېھتىياجلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تۈزۈلگەن يىرىك پىلان ۋە سىياسەت سىستېمىسىنىڭ دەۋر خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، مول ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىپ، يىراق - يېقىننى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى - تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش، مەزمۇننى ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئېھتىياجلىق.» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئىزدىنىش خاراكتېرلىك ئىش بولۇپ، يەنە نۇرغۇن نامەلۇم ساھەلەر بار، بۇ بىزنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا دادىل ئىزدىنىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىزغا ئېھتىياجلىق، ھەرگىزمۇ كېمىگە بەلگە سېلىپ خەنجەر ئىزدەيدىغان، دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتىدىغان ئىشنى قىلىشقا بولمايدۇ. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشى، بولۇپمۇ ئەڭ يېڭى ساھە ئەمەلىيىتى، نامەلۇم ساھەلەردە دادىل ئىزدىنىش، دادىل باشلامچى بولۇشقا ئىلھام بېرىپ، يېڭى زىددىيەت، يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش پىكىر يولى ۋە چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپەيتكىلى بولىدىغان، كېڭەيتكىلى بولىدىغان يېڭى تەجرىبىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

  ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكىدىن توغرا پايدىلىنىش پارتىيەمىزنىڭ شانلىق تارىخ يارىتىش، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىش، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بۇ سىرىنى ياخشى يەكۈنلەش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن كۆرەرلىكنى كۈچەيتىپ، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئېنىق تونۇپ، ئىلمىي ئىستراتېگىيە ئارقىلىق كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرۈش، كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك؛ ئىستراتېگىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر تۈزۈش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنىڭ ھەممىسىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەش كېرەك؛ ئىستراتېگىيەنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيە شەكىللەنگەن ھامان ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش، ئىشنى ياخشى قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقىرىش، خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. تاكتىكا ئىستراتېگىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىستراتېگىيە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئۇ ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى. ئىستراتېگىيەنىڭ پىرىنسىپاللىقى بىلەن تاكتىكىنىڭ جانلىقلىقىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق، ھەرىكەتچان بولۇپ، ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ جانلىق ئىش كۆرۈپ، دەرھال ھۆكۈم قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ۋەزىيەتكە قاراپ ھەرىكەتكە كېلىش، يۈزلىنىش بويىچە ئىش كۆرۈشتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش كېرەك.

  توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەپەككۇر ئۇسۇلى. توغرا يولدا ماڭغاندىلا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىش، ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يېڭىلىق ياراتقاندىلا دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىدىغان، توغرا يولدا مېڭىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان تارىخىي جەريان. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، ئالدى بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە مەنبەسى، يىلتىزى ۋە روھىنى ياخشى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى، مۇھىم، زور پىرىنسىپىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇرۇپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئادىللىق ئۈنۈم ئاساسىدا ئورنىتىلىشى كېرەك، ئۈنۈممۇ ئادىللىقنى ئالدىنقى شەرت قىلغاندىلا ئاندىن داۋاملىشالايدۇ. ئۈنۈم بىلەن ئادىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، چوڭ تورت ياساش بىلەن بىللە تورتنى ياخشى تەقسىملىگەندىلا، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھەم كاپىتالىزمنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى بولغان ئۈنۈم يارىتىش، ھەم جەمئىيەت ئادىللىقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىققا تەڭ ئېتىبار بېرىش، تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قىلچە تەۋرەنمەي رىغبەتلەندۈرۈپ، قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىپ، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت سودا مۇھىتى يارىتىپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ھوقۇق ئادىل بولۇش، پۇرسەت ئادىل بولۇش، قائىدە ئادىل بولۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان جەمئىيەت ئادىللىقى كاپالەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  بىر زامانىۋى جەمئىيەت، ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، ھەم ياخشى تەرتىپكە ئىگە بولۇشى، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى نامايان قىلىشى كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا جانلىق ھەم رەتلىك، ئاكتىپ، تەرتىپلىك بولغان ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ھەم ئۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجاد قىلىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالىم، كارخانىچى، سەنئەتكار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى، بولۇپمۇ ياش ئىختىساسلىقلارنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى خالىماسلىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا ماھىر بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. ئەمگەك بايلىق يارىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش نەتىجە يارىتىدۇ، كۈرەش قىلىش بەخت يارىتىدۇ دېگەن توغرا يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتى خەۋپسىزلىكى، تۈزۈم خەۋپسىزلىكى، ئىدېئولوگىيە خەۋپسىزلىكى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا چوقۇم مۇستەقىل-ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش شەرت. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچى، رىقابەت كۈچى، تەرەققىيات كۈچى، سىجىل كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، چەت ئەللەرنىڭ «بويۇنتۇرۇق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دۇنياۋى كەسىپلەر ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئىچكى-تاشقى ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىزنىڭ قانداق قىلىپ <ئۇيقۇدىكى شىر>نى ئويغىتىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور تارىخىي تېمىغا بەرگەن جاۋابىمىز، ئۆزىمىزنىڭ يولىنى تاللاش، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلىشتۇر.» يېڭى مۇساپە شەرەپلىك ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. يېڭى نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن يەنە يولغا چىقىپ، ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، ئۆزگەرتمەي، يولىمىزنى ئۆزگەرتمەسلىك ئىرادىمىزنى پۇختىلاپ، ئۆزىمىز تاللىغان توغرا يولدا مەردانە قەدەم تاشلاپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن قەتئىي تەۋرەنمەي، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئۈزلۈكسىز زامانىۋىلىشىۋاتقان جۇڭگو دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، خەلقئارا ھەمكارلىققا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ