شى جىنپىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

2023.02.09 02:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى

  2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنى يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويۇش ھەم چوڭقۇر بايان قىلىش پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىسى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا مىڭبىر جاپا ـ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور نەتىجە، بىز جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئورتاق ئارزۇسى، سانسىزلىغان ئىرادىلىك زاتلار بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئىزدىنىپ، تۈرلۈك سىناقلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپە تارىخىي يوسۇندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى، يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، ئازادلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ ئىجتىمائىي شارائىت ياراتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان فېئوداللىق تۈزۈمنى يوقىتىپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيان ئەڭ كەڭ ھەم چوڭقۇر بولغان جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشتا ئۆزىگە خاس بولغان نەزەرىيە نەتىجىلىرى ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ۋە قىممەتلىك تەجرىبە، نەزەرىيەۋى تەييارلىق، ماددىي ئاساس سالدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش يېڭى دەۋرىدە، پارتىيەمىز پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، شۇنداقلا باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان ھالەتتىن ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە 2 ـ ئورۇنغا ئۆتۈشتەك تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدا كىيىنىش، تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولغان تۈزۈلمە كاپالىتى ۋە تېز تەرەققىي قىلىدىغان ماددىي شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ھازىرقى ئاساستا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى ۋە كېڭەيتتى. بىز تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدۇق. بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ماھىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم، زور پىرىنسىپىنى يىغىنچاقلاپ شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدىغان، تېخىمۇ يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدۇق. بىز ئىستراتېگىيەنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدۇق. بىز ئەمەلىيەت جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىش ياساش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق، بولۇپمۇ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى، كەلگۈسى تەقدىرى، ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ، گۈللىنىپ روناق تاپىدۇ؛ بولمىسا يۆنىلىشتىن چەتنەپ، روھتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ھەتتا ئەجەللىك خاتالىق سادىر بولىدۇ. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ، پارتىيەمىز باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە ـ مېخانىزم توسالغۇلىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ، پارتىيەمىز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ باش قەھرىمانلىق روھىنى تولۇق ئۇرغۇتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر دۆلەت زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشتا، ھەم زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئورتاق ئالاھىدىلىكىگە، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ غايەت زور نوپۇس كۆلىمىگە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ئېنىق يىغىنچاقلاندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلدى. بۇ، ھەم نەزەرىيە جەھەتتىكى يىغىنچاقلاش، شۇنداقلا ئەمەلىيەتنىڭ تەلىپى بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داغدام يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بىز نەچچە ئون يىلدا غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تاماملاپ، ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كەڭ مەنزىل ئاچتۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى راۋان ماڭغىلى بولىدىغان، پۇختا ماڭغىلى بولىدىغان يول، شۇنداقلا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىردىنبىر توغرا يولى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئىلغار ماھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، قوبۇل قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىپ، غەربنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەندىزىسىگە ئوخشىمايدىغان يېڭى كۆرۈنۈشنى نامايان قىلدى، بۇ بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ھالىتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش «زامانىۋىلاشتۇرۇش= غەربلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت قۇرۇق خىيالنى بۇزۇپ تاشلاپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشىنى نامايان قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش يولىنى تاللىشىنى كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى جەمئىيەت تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزگىچە دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيلىك قارىشى، دېموكراتىيە قارىشى، ئېكولوگىيە قارىشى قاتارلىقلار ھەم ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، بۇ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئۈنۈم ۋە ئادىللىق، ھاياتىي كۈچ ۋە تەرتىپ، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مۇناسىۋەتلەرنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشتە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تۈزۈلگەن پىلان ۋە سىياسەت سىستېمىسىنىڭ دەۋر خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، مول ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىپ، يىراق ـ يېقىننى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى ـ تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش، مەزمۇننى ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئىزدىنىش خاراكتېرلىك ئىش بولۇپ، يەنە نۇرغۇن نامەلۇم ساھەلەر بار، بۇ بىزنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا دادىل ئىزدىنىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىزغا ئېھتىياجلىق، ھەرگىزمۇ كېمىگە بەلگە سېلىپ خەنجەر ئىزدەيدىغان، دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتىدىغان ئىشنى قىلىشقا بولمايدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن كۆرەرلىكنى كۈچەيتىپ، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئېنىق بىلىپ، ئىلمىي ئىستراتېگىيە ئارقىلىق كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرۈش، كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئىستراتېگىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر تۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيە شەكىللەنگەن ھامان ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش، ئىشنى ياخشى قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك، خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئىستراتېگىيەنىڭ پىرىنسىپاللىقى بىلەن تاكتىكىنىڭ جانلىقلىقىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق، ھەرىكەتچان بولۇپ، ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ جانلىق ئىش كۆرۈپ، دەرھال ھۆكۈم قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ۋەزىيەتكە قاراپ ھەرىكەتكە كېلىش، يۈزلىنىش بويىچە ئىش كۆرۈشتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە مەنبەسى، يىلتىزى ۋە روھىنى ياخشى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى، مۇھىم، زور پىرىنسىپىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش، ئۆزگىرىش ياساشتا ئاكتىپ بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. ھەم كاپىتالىزمنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى بولغان ئۈنۈم يارىتىپ، ھەم جەمئىيەت ئادىللىقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىققا تەڭ ئېتىبار بېرىش، تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت خەۋپسىزلىكى، تۈزۈم خەۋپسىزلىكى، ئىدېئولوگىيە خەۋپسىزلىكى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەر خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنى ئۆز كۈچىمىز ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يەرشارىۋى كەسىپلەر ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان ئىجادىي ئىش، مۇقەررەر ھالدا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا، جاپا ـ مۇشەققەت، توسالغۇلارغا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنلارغا دۇچ كېلىمىز، جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ ـ خەتەرنى ئويلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلاپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا نىسبەتەن كۆڭۈلدە سان بولۇش؛ ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش شىجائىتىنى كۈچەيتىش؛ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىش، سىياسىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا تاۋلىنىش، كەسپىي جەھەتتىن چېنىقىشىنى كۈچەيتىپ، مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەشلەردە بوران ـ چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈش، كۆپ ئىشلارنى كۆرۈش، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك. كەسكىن، مۇرەككەپ كۈرەش داۋامىدا كادىرلارنى تەكشۈرۈش، پەرق ئېتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىپ، باشقۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقمايدىغان كادىرلارغا يار ـ يۆلەك بولۇپ، ئىلھام بېرىپ، توغرا دەپ قارىغانلارنى دادىللىق بىلەن ئىشلىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن ئىشنى باشلاش يىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىگىرىلىگەن ھالدا تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى ئىشەنچنى چىڭىتىش، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى چياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى چوڭقۇر بايان قىلىنغان، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ زور دەرىجىدە بېيىتىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە، پۈتۈن پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى توغرا چۈشىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆز رايونىمىز، ئۆز تارمىقىمىز، ئۆز ئورنىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى بولغان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ باشقا رەھبىرىي يولداشلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ