مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ خەلق بانكىسى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

2023.02.02 09:05 مەنبە: خەلق تورى

  پۇل مۇئامىلىنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىنى قوللاش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك1-ئاينىڭ 30-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق بانكىسى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىنى قوللاش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مەركەز تاشقى پېرېۋوت كەسپى مەركىزىدە خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدا ياخشى تىجارەت پايدىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش __ تۈپ دۆلەت سىياسىتى، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنياغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى خەلقئارادا دۆلىتىمىز بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئىشەنچىنى نامايان قىلدى، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆپ قېتىملىق تاشقى زەربە ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 3 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم، خەلقئارادىكى ئاساسلىق پۇل تۈرى ئىچىدە نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ، تاشقى سودا، پۇل مۇئامىلە، ئىقتىساد قاتارلىقلارنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  لى كېچياڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە ھازىرقى زامان ئىقتىسادىنىڭ يادروسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئۈنۈملۈك قوللىدى. ئۆتكەن ئون يىللىق دەۋرىيلىكتىن قارىغاندا، ئىقتىساد يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ٪6.2 ئېشىپ، 53 تىرىليون يۈەندىن زور دەرىجىدە كۆپىيىپ 121 تىرىليون يۈەنگە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي مۈلكى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ 40 تىرىليون يۈەنگە يەتتى، نۆۋەتتە پاي چېكى بازىرى، زايوم بازىرىنىڭ كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىقتىساد ياخشى بولغاندىلا پۇل مۇئامىلە ياخشى بولىدۇ، پۇل مۇئامىلە مۇقىم بولغاندىلا ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام بولىدۇ.

  يىغىندا، خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى دوكلات بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا يۇقۇم قاتارلىق ئېغىر زەربىلەر ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ساقلىدى. بىز ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە كۈچەيتىپ، مۇقىم، ساغلام بولغان پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئومۇمىي مىقدار ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك قورالدىن پايدىلىنىپ ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھە، ئاجىز ھالقىلارنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدۇق. نۆۋەتتە كارخانا ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر قاتارلىقلار 160مىليوندىن ئېشىپ، ئون يىل بۇرۇنقىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بىز ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى سىجىل تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قەرزنىڭ ئۆسۈمى ۋە دىرىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى كېچىكتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. ئۆتكەن بەش يىلدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقتىكى كىچىك، ئاز قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ٪24 ئاشتى، بۇلتۇر كارخانا قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى بەش يىل ئىلگىرىكىدىن بىر پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى. دۆلەت ئىلكىدىكى ئالاھىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قالدۇق پايدىنى قانۇن بويىچە يۇقىرىغا تاپشۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، باج قايتۇرۇشنى كۈچلۈك قوللىدى. بۇ جەرياندا، باستۇرۇپ سۇغىرىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، پۇلنى زىيادە تارقاتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا پۇل پاخاللىقى ئارقا كۆرۈنۈشىدە دۆلەت ئىچىدە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئاساسىي شارائىت بىلەن تەمىنلىدۇق. بۇلتۇر ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئاران ٪2 ئۆرلەپ، 10 يىللىق ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسبىتىمۇ ٪2 ئەتراپىدا بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە چوقۇم مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى كېرەك. بىز بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلىدىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى بىنورمال داۋالغۇش خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ئۆي-زېمىن كارخانىلىرى، توردا قەرز ئېلىش قاتارلىق خەۋپ- خەتەرلەرنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدۇق. ئەلۋەتتە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەك. پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنىلا ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم مۈشكۈل ۋەزىپە.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ياخشىلانماقتا، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشى كېرەك. بۇ، بازار كۆزلىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇقىم كۆزلىمە بازار ئىگىلىكىدىكى «قاتتىق پۇل» ھېسابلىنىدۇ. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىستېمال ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشنى قوللاشىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي ھالىتىنى ساقلاش كېرەك.

  ليۇ خې، خې لىفېڭ يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ