شى جىنپىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا قىسىملارنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى تەكشۈردى

​خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرگە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى

2023.01.21 02:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ 1 - ئاۋغۇست بىناسىدا سىنلىق شەكىلدە قىسىملارنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئالاقىدار قىسىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ۋە ئۇلارغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاراۋۇلخانىسى، دېڭىز ئارمىيەسى 173 - ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم لۈيىنىڭ نۆۋەتچى شۆبە ئەترىتى، قوراللىق ساقچى قىسىم بۈركۈت زەربىدارلار ئەترىتى بىلەن سىنلىق پاراڭلاشماقتا (بىرىكتۈرمە سۈرەت). □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بېيجىڭ 1 - ئاۋغۇست بىناسىدا سىنلىق شەكىلدە قىسىملارنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئالاقىدار قىسىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ۋە ئۇلارغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.

باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنىڭ قانداق ئىشلىنىۋاتقانلىقىغا شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالاقىدار قىسىملار بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا سىنلىق سۆزلەشتى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاراۋۇلخانىسى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى قوغداۋاتاتتى، شى جىنپىڭ ليەندۈينىڭ چېگرا چارلاش، باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارنى ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى پېشقەدەم ئۈلگە دەپ تەرىپلەپ، كۆپچىلىكنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. دېڭىز ئارمىيەسى 173 - ئەترىتى ئۇرۇش تەييارلىقى چارلاپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ ئەترەتنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىق ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارغا دېڭىزدا جەڭگىۋار ھالەتتە باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى، ۋەتىنىمىزنىڭ دېڭىز تەۋەسىنى ياخشى قوغداشنى تاپىلىدى. ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم لۈيىنىڭ نۆۋەتچى شۆبە ئەترىتى ئۇرۇش قىلىش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ شۆبە ئەترەتنىڭ كۈندىلىك ھاۋا مۇداپىئە ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتى ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلاردىن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشنى، بايرام مەزگىلىدە ھوشيارلىقنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھاۋا مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. قوراللىق ساقچى قىسىم بۈركۈت زەربىدارلار ئەترىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك كوزىر قىسىم بولۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مەشىق مەيدانىدا مەشىق قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ ئالاھىدە جەڭ ماھارەت - ئىقتىدار مەشىقى ئەھۋالىنى سورىدى، كۆپچىلىككە جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، سادىق قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشنى تاپىلىدى.

ئالاقىدار قىسىملار بىلەن سىنلىق سۆزلەشكەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قىسىملارنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باھار بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئۈستىگە ئېلىش ئېھتىماللىقى بولغان خەۋپ - خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملاپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كاتتا باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، ئىناق، بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

جاڭ يوۋشيا، خې ۋېيدۇڭ، لى شاڭفۇ، ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ