مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جياڭسۇدىن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى

​شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلاندى

2023.01.21 02:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، جياڭسۇ ئۆلكىلىك 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى نەنجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللىرى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، جياڭسۇدا سايلامغا قاتناشقان مەركەز نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتى يولداش شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

جياڭسۇ ئۆلكىلىك 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 3 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 144 ۋەكىلى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى. يىغىندا يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقى ئېلان قىلىنىشى بىلەن بارلىق ۋەكىللەر ئورنىدىن تۇردى، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى پۈتۈن مەيداننى لەرزىگە سېلىپ، ئۇزاققىچە توختىمىدى. ۋەكىللەر چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە بۇ تارىخىي پەيتكە ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

«خەلقنىڭ داھىيسى خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ، 100 مىليونلىغان خەلق داھىينى ھۆرمەتلەيدۇ!» ۋەكىللەر بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جياڭسۇ باش شۇجى تۈزۈپ بەرگەن «ئىقتىسادتا كۈچلۈك، پۇقرالىرى باي، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەت مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى» بولۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىشى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 800دىن ئارتۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ، بۇ 85 مىليوندىن ئارتۇق جياڭسۇ ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، ئۇنىڭغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ يول باشلىغۇچىسىغا زىچ ئەگىشىپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىشەنچى مۇجەسسەملەنگەن.

«پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق ئاچقۇچلۇق مەزگىل، مۇھىم تۈگۈنلەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە جياڭسۇغا يول كۆرسىتىپ، يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى، ئۈچ قېتىم جياڭسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى. بۇ قېتىم جياڭسۇغا كېلىپ سايلامغا قاتناشقانلىقى باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جياڭسۇدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا زور دەرىجىدە ئىشىنىدىغانلىقى، زور دەرىجىدە ئىلھام بەرگەنلىكى، زور دەرىجىدە غەمخورلۇق قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ، بىز بۇنىڭدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدۇق، چەكسىز روھلاندۇق، چەكسىز پەخىرلەندۇق.» ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇدا سايلامغا قاتناشقانلىقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى توختىتىپ قويماسلىق، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختىتىپ قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

تەنتەنىلىك، مۇقەددەس بىر بېلەت تاشلاپ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جېنجياڭ شەھىرى دەنياڭ شەھىرى ئېرلىڭ بازىرى ئېرچېڭ كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جوۋ جۇڭياڭ قاتتىق ھاياجانلاندى. «باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 - يىلى جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا تۇنجى قېتىم <پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش>نى ئوتتۇرىغا قويدى، ئون يىلدا خەنجەر تاۋلاپ چىقىلدى، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ ئۆستى، بىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكلىدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. يۇرتداشلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن باش شۇجىغا ئەگىشىپ ماڭدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەگىشىپ ماڭدى، كۈچ - غەيرەتكە تولدۇق، ئۈمىدكە تولدۇق، ئىستىقبالىمىز چەكسىز!»

«باش شۇجىنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، چەكسىز روھلاندىم.» جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شۈكۇاڭ گۇرۇھى جياڭسۇ خۇامېي ئىسسىقلىق ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ تېخنىكى ليۇ لېي مۇنداق دېدى: «پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن باش شۇجى شۈجوۋغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى تەكىتلىدى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، تېخنىكا ماھىرلىرى قاتارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلاپ، كۆپچىلىكنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىدە ھەممەيلەننىڭ قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىلھام بەردى، بۇنىڭدىن بىز ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق، ناھايىتى ئىلھاملاندۇق. بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭ قانال مەدەنىيەت بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، چوڭ قانال «قانالنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى خەلقنىڭ بېيىش قانىلى، بەخت قانىلى» دەپ كۆرسەتتى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ياڭجوۋ شەھەرلىك مەدەنىيەت، رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى جېڭچېڭ بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. «مەدەنىيەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوڭ قانالنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان ياڭجوۋلۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىخنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، پۇقرالارنى ئوزۇقلاندۇرۇۋاتقان سۇ تومۇرىنى قوغداپ، چوڭ قانالنى سۈيى سۈزۈك، قىرغىقى يېشىل، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا مەسئۇلىيىتىم بار».

يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشتا، جياڭسۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكلىگەن «ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا تىرىشىپ نەمۇنىچى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىشتا تىرىشىپ ئۈلگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش»تىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى. ۋەكىللەر بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ جياڭسۇغا كېلىپ سايلامغا قاتناشقانلىقى ھەم تولۇق ئاۋاز بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقىدەك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كېتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا جياڭسۇنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىپ، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، كۆپرەك تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان نەتىجىلەر ئارقىلىق يېڭى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ