مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

لېي فېڭ روھىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، لېي فېڭ روھىنى يېڭى دەۋردە تېخىمۇ پارلاق نۇر چاچقۇزۇش كېرەك

سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.02.27 08:43 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ يولداش لېي فېڭ ئۈچۈن بېغىشلىما يېزىپ بەرگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى. 60 يىلدىن بۇيان، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، لېي فېڭنىڭ ئىسمىنى ھەممە ئادەم بىلدى، لېي فېڭنىڭ ئىش ئىزلىرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، لېي فېڭ روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەيلى دەۋر قانداق ئۆزگەرسۇن، لېي فېڭ روھىنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، لېي فېڭ روھىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى كاپالىتى ۋە مەدىتىنى كۈچەيتىپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىشنى خەلق ئاممىسى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئەۋج ئالدۇرۇپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىملاشتۇرۇپ، لېي فېڭ روھىنى يېڭى دەۋردە تېخىمۇ پارلاق نۇر چاچقۇزۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

«لېي فېڭ روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش − ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ يولداش لېي فېڭ ئۈچۈن بېغىشلىما يېزىپ بەرگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش» سۆھبەت يىغىنى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا 60 يىلدىن بۇيانقى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، لېي فېڭ روھىنىڭ مەڭگۈلۈك قىممىتى چوڭقۇر ئىزاھلىنىپ، يېڭى مۇساپىدە لېي فېڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى يەنىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، لېي فېڭ روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ بېغىشلاشقا يېتەكلىشىمىز، رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

سەي چى مۇنداق بىلدۈردى: يولداش ماۋ زېدۇڭ «يولداش لېي فېڭدىن ئۆگىنەيلى» دەپ چاقىرىق قىلغان 60 يىلدىن بۇيان، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى جۇشقۇن قانات يايدۇرۇلۇپ، سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، لېي فېڭ روھى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنى پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ لېي فېڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش، ۋاسىتىسىنى بېيىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن تۈركۈم - تۈركۈم لېي فېڭچە ئىلغار كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر بارلىققا كېلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشكە تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. يېڭى مۇساپىدە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لېي فېڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، لېي فېڭ روھىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى يۈكسەك غايە - ئىنتىلىش تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان غايەت زور قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى تېخىمۇ قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شەخسىي ئىنتىلىشنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. لېي فېڭ روھىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى سۇپىسى، ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، كېڭەيتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى تېخىمۇ دەۋر تۇيغۇسىغا، جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىش، دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

لى شۇلېي سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، سۈن چۇنلەن ۋە مياۋ خۇا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى فۇشۈن شەھىرى ۋە لېي فېڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى. سۆھبەت يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ