مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 3 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

ئاساس تەتقىقاتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك

2023.02.24 10:13 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاساس تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 3 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساس تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى، دۇنيا بويىچە پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاساس تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشنى پەن ـ تېخنىكا خىزمىتىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتە قوللاشنى زورايتىپ، ئاساس تەتقىقاتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  بېيجىڭ داشۆنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، پىروفېسسور گۇڭ چىخۇاڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ئۆتتى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلاپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئەزەلدىن ئاساس تەتقىقاتى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئاساس تەتقىقاتىدا مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، پەنلەرنىڭ گىرەلەشمە يۇغۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ئۆلچەملىك شەكلىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، پەن ـ تېخنىكا بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تېز سىڭىشىپ يۇغۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئاساس تەتقىقاتىنىڭ ئايلىنىش دەۋرى كۆرۈنەرلىك قىسقىراپ، خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا رىقابىتى ئاساس ئالدىنقى سېپىگە يۆتكىلىۋاتىدۇ. خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا رىقابىتىگە يۈزلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئاساس تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن ۋە تۆۋەن قاتلامدا ھەل قىلىشىمىزغا جىددىي ئېھتىياجلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساس تەتقىقاتىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاساس تەتقىقاتى تەتقىقاتتىن ئەمەلىي قوللىنىشقىچە، يەنە ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان پەن تەتقىقات زەنجىرىنىڭ باشلىنىش ئۇچىدا تۇرىدۇ، ئۇل پۇختا بولسا پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىدىن ئىبارەت بۇ بىنانى ئېگىز سالغىلى بولىدۇ. «تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، نىشان يۆنىلىشى ۋە ئەركىن ئىزدىنىشتىن ئىبارەت «ئىككى پۇتقا تايىنىپ مېڭىش»تا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە ئېھتىياجى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالدىنقى سەپتىكى مەسىلىلەر ۋە مۇھىم، زور ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تەتقىقاتلاردا ئابستراكت نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساس تەتقىقاتىدىكى ئاچقۇچلۇق ئىلمىي مەسىلىلەرنى ئىخچاملاش كېرەك. پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، ئاساس تەتقىقاتىدىكى مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەش ۋە تاللاپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئالىملارنىڭ پىكرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، «ھەل قىلغۇچ قەدەم»نى ياخشى بېسىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتىكى سىستېمىلاشقان ئاساس تەتقىقاتى، ئالدىنقى سەپ يۆنىلىشىدىكى ئىزدىنىش خاراكتېرلىك ئاساس تەتقىقاتى، بازار يۆنىلىشىدىكى ئەمەلىي قوللىنىشچان ئاساس تەتقىقاتىنى تەشكىللىك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولى، دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشتاتلاشقان تەشكىلىي رولى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەرنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولى ۋە پەن ـ تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ «سوئال چىقارغۇچى»، «سوئالغا جاۋاب بەرگۈچى»، «ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى»لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاساس پەنلەر قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق پەنلەر، يېڭىدىن گۈللەنگەن پەنلەر، سوغۇق پەنلەر ۋە ئاجىز پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پەنلەرنىڭ گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشى ۋە پەن ھالقىغان تەتقىقاتقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشى تەرەققىي قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك پەن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا چوڭ ئىلىم ـ پەن دەۋرىگە قەدەم قويدى، ئاساس تەتقىقاتىنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، تۈزۈم كاپالىتى ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەشنىڭ ئاساس تەتقىقاتى ھاسىلاتىغا بولغان تەسىرى بارغانسېرى زورايماقتا. جەزمەن ئاساس تەتقىقاتى تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈم، سىياسەتنىڭ قىممەت ئارقىلىق قوزغىتىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساس تەتقىقاتى مالىيە سېلىنمىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇرۇپ، باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كارخانىلارنى سېلىنمىنى زورايتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى ئىلىم ـ پەن فوندى، ئىلىم ـ پەن ئىئانىسى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سېلىنما تەسىس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى ۋە ئۇنىڭ بىرلەشمە فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، رىقابەت خاراكتېرلىك قوللاش بىلەن مۇقىم قوللاش بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساس تەتقىقاتى سېلىنما مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ پەن ـ تېخنىكا پىلانىدىكى ئاساس تەتقىقاتىنى قوللاش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساس تەتقىقاتى تۈرلىرىنى تەشكىللەش، ئىلتىماس قىلىش، باھالاش ۋە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەرقلىق تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپداشلار باھا بېرىشنى يولغا قويۇپ، مۇھىم، زور ئىلىم ـ پەن مەسىلىلىرىگە يۈزلەنگەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئەركىن ئىزدىنىش شەكلىدىكى تەتقىقات ۋە ئورتاق تونۇش بولمىغان يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسى بىلەن بازار مېخانىزمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساس تەتقىقاتىنىڭ ئۇزاق دەۋرىيلىكى بىلەن ماس كېلىدىغان پەن ـ تېخنىكا بويىچە باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش، نەتىجىلەرنى ئەمەلىي قوللىنىش، ئايلاندۇرۇش، پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىش ھەققى قاتارلىق تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئاساس تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى، ئۈستۈنلۈككە ئىگە كوللېكتىپ ۋە نۇقتىلىق يۆنىلىشنى ئۇزاققىچە مۇقىم قوللاپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش مەنبە رايونى ۋە ئاساس تەتقىقاتى ئاۋانگارت كۈچلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە دۆلەت تەجرىبىخانىسى سىستېمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ قۇرۇپ چىقىپ، ئاساس پەنلەر تەتقىقات مەركىزىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇرۇپ، يېڭىچە پەن تەتقىقاتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئاساس سۇپىسىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك بولغان ئاساس تەتقىقاتى تايانچلىرى تورىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئالدىن كۆرەرلىك يېتەكلەش تىپىدىكى، ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش تىپىدىكى، ئەمەلىي قوللىنىشچان تىرەك تىپىدىكى مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن ھايات دەۋرىيلىكى بويىچە باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىشتىن ھەمبەھرىلىنىش سەۋىيەسى ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن ـ تېخنىكا ئەسۋاب ـ ئۈسكۈنىلىرى، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئاساس يۇمشاق دېتاللىرىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل تەتقىقات سۇپىسى، ئەسۋاب ـ ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق مۇھىم، زور ئاساس تەتقىقاتى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساس تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ. جەزمەن زور كۈچ سەرپ قىلىپ سىستېمىلاشقان، يۇقىرى قاتلاملىق ئاساس تەتقىقاتى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاساس تەتقىقاتى ئىختىساسلىقلىرىنى بەس ـ بەستە بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار پىلانىدا ئاساس تەتقىقاتى ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىپ، ياش پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيەت، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشىغا مەدەت بېرىپ، پەن ـ تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك. ئاساس تەتقىقاتى ئىختىساسلىقلىرىنى پەرقلىق باھالاش ۋە ئۇزاق دەۋرىيلىك قوللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىغا ئادەم، مالىيە، ماددىي بۇيۇم جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە تېخنىكا لۇشيەنى جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ تاللاش ھوقۇقى بېرىپ، ئاساس تەتقىقاتى قانۇنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن تەتقىقات ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنى كۆپتۈرمىچىلىكنى چۆرۈپ تاشلاشقا، يەڭگىلتەكلىكنى تۈگىتىشكە، «سوغۇق ئورۇندۇق»تا چىڭ ئولتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاساس تەتقىقاتى ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تالانتلىقلىرى پىلانى»، «ئاساسنى كۈچەيتىش پىلانى»، «ئاساس پەنلەر بويىچە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش پىلانى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاساس پەنلەر مائارىپ سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەر، بولۇپمۇ «قوش بىرىنچى قاتار»دىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساس تەتقىقاتى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆلىمى زور بولغان ئاساس تەتقىقاتى زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنسانلار ئورتاق تەرەققىي قىلىش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئېچىۋېتىشتىن ھەمبەھرىلىنىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. خەلقئارا ئاساس تەتقىقاتى ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن يەرشارىغا يۈزلەنگەن پەن تەتقىقات فوندى تەسىس قىلىپ، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا پىلانىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، بىيوبىخەتەرلىك، تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق يەرشارىۋى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، جۇڭگو ـ چەت ئەل بىرلەشمە پەن تەتقىقاتىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يەرشارىۋى پەن ـ تېخنىكىنى ئىدارە قىلىشنى ئالدىن پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ ياكى ئۇنى تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات يۇرتى ـ ئورۇنلىرى، پەن ـ تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى قوللاش كېرەك. خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش، ئىشىنىش، ھەمكارلىشىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مۇھىم، زور دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ھەم دۆلىتىمىزنىڭ پەن ـ تېخنىكا بىخەتەرلىكى مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ نەچچە ئەۋلاد پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۇدا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياراتقان «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، شىئەنگە كۆچۈش روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھى، ئالىملار روھى، ئاينى تەكشۈرۈش روھى، يېڭى دەۋر بېيدوۋ روھى قاتارلىقلار جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئورتاق يارىتىپ، ئاساس تەتقىقاتى تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدىغان ئىلىم ـ پەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساس تەتقىقاتى قاتارلىق پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئىلغار تىپلار ۋە ئىش ئىزلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى پېشقەدەم ئالىملارنىڭ ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، خەلققە رىشتە باغلايدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىلمىي ماقالىسىنى ۋەتەننىڭ بىپايان زېمىنىغا يېزىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. دۆلەتنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم ـ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىنى تارقىتىپ، پەن ـ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ، ئىلىم ـ پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم ـ پەننى ئۇلۇغلايدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. مائارىپتىكى «ئىككىنى ئازايتىش»تا ئىلمىي مائارىپ بويىچە قوشۇش ئۇسۇلىنى ياخشى ئىشلەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزىقىشى، تەسەۋۋۇر كۈچى، ئىزدىنىش ئارزۇسىنى قوزغاپ، ئالىملارغا خاس يوشۇرۇن ساپانى ھازىرلىغان، پەن تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پەن ـ تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئىلىم ـ پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، باغلاقنى بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ