مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 133-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 39-يىغىنىنى 2-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2023.02.19 23:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 133-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 39-يىغىنىنى 2-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 39-يىغىنىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى __ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ 39-قېتىملىق يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىغا قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى؛ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىلدى؛ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تەكلىپ بەرگەن دائىمىي كومىتېت 39-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرىدىن يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش، ئالاقىدار تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش قاتارلىقلار بار.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ دائىمىي كومىتېت 39-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، سىرتتىن قاتناشقۇچىلار ئىسىملىكى لايىھەسى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە بەنگۇڭتىڭ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى دائىمىي كومىتېت 39-يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارالمىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ