مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.02.20 08:45 مەنبە: خەلق تورى

  2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئارقا ـ ئارقىدىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان يېڭى يولنى تېپىپ چىقىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدايدۇ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە يەرشارىۋى ئىقتىسادقا قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئىلغار تېخنىكىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇنبىرى شۇ كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتايلى» بولۇپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ