مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

يېقىنقى مەزگىلدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.02.20 08:44 مەنبە: خەلق تورى

  ■ ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇساپىسى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە بىلەن ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، كېسەل پەيدا قىلىش كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك، ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ۋىرۇس تۈپىنىڭ كەڭ تارقىلىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى. 2022 ـ يىلى 11 ـ ئايدىن بۇيان، بىز «ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەل ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى چۆرىدەپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈشىنى بىرقەدەر قىسقا ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرۇپ، 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى داۋالىدۇق، 800 مىڭغا يېقىن ئېغىر كېسەل بولغان ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك داۋالاپ ساقايتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىدا نوپۇسى كۆپ دۆلەتنىڭ يۇقۇمنىڭ كەڭ تارقىلىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشتەك مۆجىزىنى ياراتتۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ھۆكۈمى، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىرى، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تاكتىكىسى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەڭشىشى تامامەن توغرا، تەدبىرلەر كۈچلۈك، ئامما ئېتىراپ قىلغان، نەتىجە غايەت زور

  ■ ھازىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىپ، «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش» دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش باسقۇچىغا تىنچ كىردى، لېكىن يەرشارىدا يۇقۇم يەنىلا يامرىماقتا، ۋىرۇس يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرمەكتە. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار دائىم غېمىدە بولۇشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر مەزگىلدىكى تەجرىبە، ئۇسۇللارنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، ئالاقىدار مېخانىزم ۋە تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى باسقۇچتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، سەھىيە ـ ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قەتئىي مۇستەھكەملىشى كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا يېقىنقى مەزگىلدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇساپىسى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە بىلەن ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، كېسەل پەيدا قىلىش كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك، ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ۋىرۇس تۈپىنىڭ كەڭ تارقىلىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى. 2022 ـ يىلى 11 ـ ئايدىن بۇيان، بىز «ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەل ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى چۆرىدەپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈشىنى بىرقەدەر قىسقا ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرۇپ، 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى داۋالىدۇق، 800 مىڭغا يېقىن ئېغىر كېسەل بولغان ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك داۋالاپ ساقايتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىدا نوپۇسى كۆپ دۆلەتنىڭ يۇقۇمنىڭ كەڭ تارقىلىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشتەك مۆجىزىنى ياراتتۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ھۆكۈمى، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىرى، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تاكتىكىسى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەڭشىشى تامامەن توغرا، تەدبىرلەر كۈچلۈك، ئامما ئېتىراپ قىلغان، نەتىجە غايەت زور.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىپ، «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش» دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش باسقۇچىغا تىنچ كىردى، لېكىن يەرشارىدا يۇقۇم يەنىلا يامرىماقتا، ۋىرۇس يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرمەكتە. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار دائىم غېمىدە بولۇشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر مەزگىلدىكى تەجرىبە، ئۇسۇللارنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، ئالاقىدار مېخانىزم ۋە تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى باسقۇچتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، سەھىيە ـ ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قەتئىي مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان كىشىلەرگە قارىتا باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ھازىرقى خىزمەت ئاساسىدا يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش، يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش ۋە دائىملىق ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش سىستېمىسى ۋە ئۇچۇر دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا، دەل جايىدا ئالدىن سىگنال بېرىش ھەم زۆرۈر بولغان جىددىي ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ۋاكسىنا ئارقىلىق قوغداش ئەھۋالىغا ئاساسەن، كېيىنكى باسقۇچلۇق ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ياشانغانلارغا بولغان ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دائىملىق دەرىجىگە ئايرىلغان، قاتلاملارغا ئايرىلغان، تارقاقلاشتۇرۇلغان داۋالاش سىستېما قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، بايلىق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش ـ سەھىيە مۇلازىمەت تورىنى كۈچلۈك قۇرۇش كېرەك. داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ۋە مۇندەرىجىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىم، ماددىي ئەشيالارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنىڭ ئىقتىدار، دورا، ئۈسكۈنە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. سەھىيە ـ ساغلاملىق ساھەسىدىكى پەن ـ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى توپلاپ ھاياتلىق، ساغلاملىق پەن ـ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇھىم نەتىجىلەرنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ