خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش. مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى، كەلگۈسى تەقدىرى، ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك».
100 يىللىق مۇساپىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىغا نەزەر سالساق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئوخشاش مۇشۇنداق چوڭقۇر، تارىخىي خاراكتېرلىك تۈرتكە بولغان باشقا ھېچقانداق بىر خىل سىياسىي كۈچ يوق. پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولغاچقىلا، دۆلىتىمىز ئاندىن نامرات ھەم ئاجىز قىياپىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى، مىللىتىمىز ئاندىن چۈشكۈنلۈكتىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇپ جاسارەتكە تولۇپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى، خەلقىمىز ئاندىن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىشقا، ئېزىلىشكە ئۇچرايدىغان ئورۇندىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇپ، ئۆز تەقدىرىنى ھەقىقىي قولىغا ئالدى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور نەتىجىلىرىنى دەل پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇزاق مۇددەت ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن، بۇ جەرياندا مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، غايەت زور بەدەل تۆلىدى. تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىمۇ تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشىنى يەردە قويمىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەنىڭ خاراكتېرى - ئاساسىي مەقسىتى، ئەسلىي مەقسىتى - بۇرچى، ئېتىقادى - ئىشەنچى، سىياسىتى - تەشەببۇسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قانداقتۇر باشقىچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەم ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئۇنىڭغا روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك ۋە دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز قوشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ توغرا يولدا ئوڭۇشلۇق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيەمىز ماركسىزمنى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيەمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيەمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ، پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاندىن پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ، گۈللەپ ياشنايدۇ؛ ئۇنداق بولمايدىكەن يۆنىلىشتىن چەتنەپ كېتىدۇ، روھتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ھەتتا ئەجەللىك خاتالىق سادىر بولىدۇ».
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش»؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا جەزمەن پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم، زور پىرىنسىپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ پىرىنسىپنىڭ بىرىنچى ماددىسى «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش». شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلىرى دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، قانداق دەھشەتلىك دولقۇنلارغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىي ئىش بولۇپ، بىزنىڭ ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزمدا ساقلانغان نۇقسانلارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئىتتىپاقلىق − كۈچ، ئىتتىپاقلاشقاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىجادكارلىق ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شەرت. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ باش قەھرىمانلىق روھىنى تولۇق ئۇرغۇتتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، پەقەت پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر ئومۇمىي خەلقنىڭ بوران - چاپقۇنغا ئۇچرىغان چاغدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىغا ئايلاندۇرغاندىلا، چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك سىياسىي ئۇيۇشۇش كۈچىگە، تەرەققىيات ئىشەنچىگە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى، ھەممە بىر نىيەتكە كېلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.
بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش يولىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھەم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، يېڭى مۇساپە شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە. يېڭى نىشانغا قاراپ پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ قايتا ئاتلىنىشتا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن بېكىتىلگەن نىشاننى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر توغرا يولنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ