مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدىكى ۋېنگىرىيە - جۇڭگو قوش تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يازدى

2023.02.01 23:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدىكى ۋېنگىرىيە - جۇڭگو قوش تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ۋېنگىرىيەلىك ياش - ئۆسمۈرلەرنى جۇڭگونى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەلچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن ۋە رەپىقەم توشقان يىلىدىكى باھار بايرىمىدا سىلەرنىڭ خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇق، 2009 - يىلى ۋېنگىرىيە - جۇڭگو قوش تىل مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان كۆرۈنۈش ھېلىمۇ ئېسىمدە. سىلەرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە دوستلۇقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلىغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم، مەن سىلەرنى ئالقىشلايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. سىلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن جۇڭگوغا كېلىپ داشۆدە ئوقۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمەن، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ۋېنگىرىيەلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ياقتۇرۇپ، جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشىنى، پۇرسەت بولسا جۇڭگوغا كېلىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، ھازىرقى جۇڭگو ۋە جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىپ، تىرىشىپ جۇڭگو - ۋېنگىرىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئەلچىلەردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋېنگىرىيە - جۇڭگو قوش تىل مەكتىپى 2004 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى بىردىنبىر جۇڭگو تىل - يېزىقى قوللىنىدىغان ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپ، ھازىر 12 يىللىق بويىچە 20 سىنىپ، 530دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. 2009 - يىلى 10 - ئايدا، ئەينى چاغدىكى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ۋېنگىرىيە - جۇڭگو قوش تىل مەكتىپىنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى. بۇ يىل باھار بايرىمى ھارپىسىدا، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن خۇ لىڭيۆ، سۇڭ جىشياۋ پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پىروفېسسور پېڭ لىيۈەنگە خەت يېزىپ، جۇڭگونىڭ ئۆرپ - ئادىتى بويىچە باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى، مەكتەپتە 12 يىل جۇڭگو تىل - يېزىقى ئۆگىنىش جەريانىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، كەلگۈسىدە جۇڭگوغا كېلىپ داشۆدە ئوقۇش، ۋېنگىرىيە - جۇڭگو دوستلۇقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ