مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2023.01.31 14:12 مەنبە: خەلق تورى

  نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى سىجىل چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ يىل بېشىدا پۇختا قەدەمدە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى؛ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە پۇختا ئاساس سېلىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ ئىستېمالنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادقا بولغان تۈرتكىلىك كۈچنى ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى سىجىل چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ يىل بېشىدا پۇختا قەدەمدە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى؛ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە پۇختا ئاساس سېلىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ ئىستېمالنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادقا بولغان تۈرتكىلىك كۈچنى ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئىقتىساد سىجىل ئەسلىگە كېلىپ، ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاش كېرەك. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە قوراللىرى قوللايدىغان زور تۈر قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشتە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي بۇيۇم خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەسلىدە داۋاملاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىنىدىغان كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قەرز پۇلى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك؛ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىش، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك؛ كارخانىلارنىڭ باھار بايرىمىدىن كېيىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك؛ يۇقىرى-تۆۋەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى ئېشىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىلنىڭ ئىشى باھاردىن، ئەتىيازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن يىلنىڭ ٪60ىنى، ئەتىيازلىق زىرائەت پەرۋىشى ئاساسلىقئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ٪40ىنى ئىگىلەيدۇ. 2-ئاينىڭ بېشىدا، ئالاقىدار تارماقلار ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، دېھقانچىلىققا دەخلى يەتكۈزمەي، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق بىلەن مۇقىم تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مال باھاسىنىڭ تەكشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك. بىرىنچى، بۇغداي، قىچىنىڭ ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. تۇپراق ۋە مايسىغا قاراپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىق، تۈگۈنچى باھاردىكى سوغۇق، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقى قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئىككىنچى، جايلارنىڭ ئاشلىق ۋە ياغلىقدان ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دادۇر تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، كاپالەتلەندۈرۈش مۇلازىمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى رايون ئاتلاپ تەڭشەش، يۆتكەشنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۇرۇق، ئوغۇت تەييارلىشىنى قوللاپ، توردا ۋە تور سىرتىدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ۋە رايون ئاتلاپ ماشىنىدا تېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەپ، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنىڭ تەشكىلىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يەرنى ياخشى تېرىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك؛ تۆتىنچى، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ بەشىنچى، دادۇر تېرىشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇغدايغا قارىتا «بىرنى پۈركۈش، ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش» ياردەم پۇلى بىلەن تولۇق قاپلاشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەبلىغىنى بالدۇر ئاجرىتىپ، جەنۇبتا چىلگە شال مايسىسىنى مەركەزلىك يېتىشتۈرۈش ياردەم پۇلىنى يولغا قويۇپ دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىقتەك گەۋدىلىك زىددىيەتلەرگە قارىتا، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىستىمالنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشى، ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، ئىستېمالنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىش كېرەك. تۇرمۇش مۇلازىمەت كارخانىلىرى ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوموبىل قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمال سىياسەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مول، كۆپ خىل بولغان ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئۇچرىشىش تىپىدىكى ئىستېمالنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمال كىرېدىتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش كېرەك.

  شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياخشى ۋە ياخشىلانغان تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ، بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تاشقى سودىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى كۆرگەزمىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ چېگرادىن چىقىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. ئېكسپورتتىكى باج قايتۇرۇش، كىرېدىت، ئىناۋەت سۇغۇرتىسى قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. كارخانىلارنىڭ رايونلار ئارا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ بازار ئېچىشىنى قوللاش كېرەك. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، چەت ئەل ئىسكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى سودا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىمپورتنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، چەت ئەل مەبلىغىنى پائال جەلپ قىلىش كېرەك. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان يېڭى كەسىپلەر مۇندەرىجىسىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەرلىكنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشىنى قوللاپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خادىملارنىڭ چېگرا ھالقىپ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى مۇلازىمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ