مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

​«ھەربىيلەر تۆھپە بەلگىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى

2023.01.30 10:59 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «ھەربىيلەر تۆھپە بەلگىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق ئىمزالىدى، بەلگىلىمە 2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «بەلگىلىمە»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەربىي ئىشلار سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دىققەت ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي ئىشىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئارمىيەنىڭ تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈم سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈلۈپ، تارىخقا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، خاسلىقنى ساقلاش بىلەن قوبۇل قىلىپ ئۆرنەك ئېلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، خاسلىقى روشەن، يۆنىلىشى ئېنىق، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان ھەربىيلەر تۆھپە بەلگىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىنىپ، ھەربىي كەسىپنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ھەربىيلەرنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، شەرەپنى قەدىرلەيدىغان، قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلايدىغان، ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ.

  «بەلگىلىمە» ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىيلەر تۆھپە بەلگىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇشىدىكى تۇنجى مۇھىم نىزام خاراكتېرلىك ھۆججەت. تۈپ قوللانمىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جۇشىنىڭ تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەر تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، تۆھپە بەلگىسى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىغا بولغان تۈپ يېتەكچىلىك مەھكەم ئىگىلەندى؛ غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، تۆھپە بەلگىسىنى لايىھەلەش، تاقاش تەرتىپى، تاقاش سانى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۇرۇش ۋاقتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئۇرۇش تۆھپىسى نامايان قىلىنىپ، ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئۇرۇش قىلىش، مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىش، جاپالىق رايونلاردا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش قاتارلىق ئالاھىدە كەچۈرمىشى ۋە شەرىپىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى؛ سىستېما لايىھەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈر تەسىس قىلىشتا پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئورتاقلىقىغا ۋە ئارمىيە تۈرىنىڭ خاسلىقىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلدى، مەزمۇن تەسىس قىلىشتا تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش، ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشقانلار ۋە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەپ ئۆزىنى بېغىشلىغانلارنى قاپلىدى، شەكىلدە رەڭلەرنىڭ تەڭشىلىشى، ماسلىشىشى، كۆركەملىكىگە ئەھمىيەت بېرىش نامايان قىلىنىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىردەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئوفىتسېر ياكى ئەسكەر بولۇشىدىن، ئەمىلىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىردەك شەرەپكە ئېرىشكەن، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەپ ئۆزىنى بېغىشلىغانلارغا تۆھپە بەلگىسى بېرىش ۋە تۆھپە بەلگىسى تاقاش رەت سانى ھەم مىقدارى بېكىتىلىپ، شەرەپ ئالدىدا ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشى تولۇق نامايان قىلىندى؛ ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەم ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك تارىخىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ تۆھپە مۇكاپاتى تۈزۈمىدىكى پايدىلىق تەجرىبىلەر قوبۇل قىلىنىپ، ئارمىيەمىزنىڭ قىزىل گېن ئامىللىرى كۆپلەپ قوللىنىلدى، ھەم يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر بويىچە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا پائال ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ مول يېڭى دەۋر خاسلىقىغا ئىگە بولغان، يېڭى تۈزۈلمە ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، يېڭى بۇرچ تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ھەربىيلەر تۆھپە بەلگىسى تۈزۈمى بەرپا قىلىندى. «بەلگىلىمە»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان تۆھپە بەلگىسى تۈرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى، مۇكەممەللەشكەن، تاكامۇللاشقان تارقىتىش، بېرىش مېخانىزمى، راۋان، تەرتىپلىك بولغان تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان قوللىنىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى، ئارمىيەنىڭ تۆھپە بەلگىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ